ھامىلىدار ئاياللار نېمىشقا بېنزىننى كۆپ پۇرىماسلىق كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىرقى زامانىۋى قاتناش قوراللىرى ئاساسەن دېگۈدەك بېنزىن ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەتلىنىشنىڭ سىلكىنىش، پارتلاش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئادەتتە بەلگىلىك مىقداردا تېتىرا ئېتىل قوغۇشۇن قوشۇلىدۇ. بۇ يەنە ئېتىل بېنزىن دېيىلىدۇ، ئېتىل بېنزىن كۆيگەن ۋاقىتتا،تېترا ئېتىل قوغۇشۇن پارچىلىنىپ قوغۇشۇننى كېرەكسىز گازلار بىلەن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدۇ. كىشىلەرنىڭ دائىم نەپەسلىنىشى ئارقىلىق ھاۋادىكى قوغۇشۇن سۈمۈرۈۋېلىنىدۇ ھەم ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، تەبىئىيلا يۇقىرىدا دېيىلگەن ئەھۋاللار ھامىلىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ تۇغما نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار بېنزىن پۇرىقىدىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تېترا ئېتىل قوغۇشۇن كۈچلۈك زەھەرلىك بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى قۇيۇقلۇق دەرىجىسىدە سۈمۈرۈلىدۇ ياكى تېرە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش ئىشلىرى، ياكى تېترا ئېتىل قوغۇشۇن، ئېتىل سۇيۇقلۇقى ۋە ئېتىل بېنزىنىنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.