سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. تازىلىق تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. بولۇپمۇ گەندە قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گەندىنى زىيانسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
2. يېمەك - ئىچمەك تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ، بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، بارماقنى شورىماسلىق، خالىغان يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلماسلىق قاتارلىقلار.
3. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە قەرەللىك ھالدا سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
4. ئۈچەي سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. بىراق كونكرېت داۋالاش لايىھىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولۇشى، ئەگەر بىمارنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش ياكى قىزىتىش، لۆڭگە بىلەن قورساققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ھەم قورساق ئاغرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش شۇنداقلا بىمارنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، بەرداشلىق بېرەلمىسە، ياندۇرسا، ھەتتا سازاڭ مەددە قۇرت تۈكۈرسە، چوڭ تەرەت ۋە يەل كەلمىسە، ئۈچەي توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.