UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى

ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى

مۇزىكا دۇنياسى ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى ئىلىم - پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت مىسلىسىز سۈرئەت ۋە كۆلەم بىلەن راۋاجلاندى، خىلمۇخىل مۇزىكا ئېقىملىرى ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان ئىپادىچىلىك ھەمدە ئون ئىككى ئاۋاز مۇزىكىسى، سېرىئالىزملىق مۇزىكا، يېڭى ئەينەنچىلىك مۇزىكىسى، كونكرېت مۇزىكا، ئېلېكترونلۇق مۇزىكا، تاسادىپىي مۇزىكا، بىرىكمە مۇزىكا قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى دەپ ئاتالدى. ئىپادىچىلىك ئاۋسترىيە كومپوزىتورى شونبېرگ ۋەكىللىكىدە بارلىققا كەلگەن ئېقىم. ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەش، ۋەھىمە ھەمدە جىددىيلىكنى كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلىش تەكىتلىنىدۇ. شونبېرگ ئون ئىككى ئاۋاز مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق كۈي خاراكتېرى كۆزقارىشىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئون ئىككى يېرىم ئاۋازنى ئاساسلىق، قوشۇمچە دەپ ئايرىماي، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. سېرىئالىزملىق مۇزىكا فرانسىيىلىك مېسسېئان ۋەكىللىكىدە بارلىققا كەلگەن ئېقىم. ئۇنىڭدا ئاۋاز، ۋاقىت سەرپىياتى، ئاۋاز تۈسى، گارمونىيە قاتارلىقلار كومپيۇتېر تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن ماتېماتىكا بەلگىلىرى، تەڭلىمە ھەمدە سخېمىلار ئارقىلىق ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېڭى ئەينەنچىلىك مۇزىكىسى گېرمانىيىلىك كومپوزىتور دېرمىت (كېيىنچە ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن) ۋەكىللىكىدە بارلىققا كەلگەن ئېقىم. دېرمىت بۇنىڭدا كلاسسىك روھقا ئىگە چۈشىنىشلىك ۋە راۋان بىر خىل مېلودىيىنى ئىپادىلەپ، ئادەملەرنى ساپ مۇزىكا ئېقىمىدىن بەھرىمەن قىلماقچى بولغان. كونكرېت مۇزىكا ئەڭ دەسلەپ فرانسىيە پارىژ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنژېنېرى شوففېر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. بۇ خىل ئېقىمدا قوڭغۇراق ئاۋازى، سائەتنىڭ جىرىڭلاشلىرى، پاراۋوز گۈدۈكى، ھايۋانات ئاۋازلىرى، ئادەملەرنىڭ پىچىرلاشلىرى قاتارلىقلار توپلانغاندىن كېيىن ئېلېكترون تېخنىكىسى ئارقىلىق كۈچەيتىلىپ، سۈرئەت بېكىتىلىپ مۇزىكىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. شوففېرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «قازان مەشىق ئاھاڭى» ۋە باشقىلار. ئېلېكترونلۇق مۇزىكا20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئەڭ دەسلەپ ئىتتىپاقداش گېرمانىيىنىڭ كيولىن رادىئو ئىستانسىسىدا سىناق قىلىنغان. شتوكخاۋسېن بۇ ئېقىمنىڭ ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە كومپوزىتورى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېلېكترون تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈرلۈك ئاۋاز مەنبەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلارنى سۈزۈش، كۈچەيتىش ئارقىلىق شەكىل، سۈپەت ۋە كۈچ مىقدارى جەھەتتىن ئۆزگەرتكەن. ئۇندىن باشقا ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ۋە ئۈنئالغۇ تېخنىكىسى بىلەن مونتاژ قىلغان ھەمدە قايتىدىن بارلىققا كەلتۈرۈش، بىرىكتۈرۈش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇزىكىلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. تاسادىپىي مۇزىكىدا مەلۇم بىر مۇزىكىلىق ماتېرىيال تاللىۋېلىنىدۇ. بىر ياكى بىرنەچچە مۇزىكانت ھېچقانداق قائىدىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۇنى ئورۇندايدۇ. ئورۇنداش جەريانىدا دېكلاماتسىيە ۋە سەھنە ھەرىكەتلىرى خالىغانچە قوشۇلىدۇ. ئورۇنداشقا تاماشىبىنلار قاتناشسىمۇ بولىدۇ. بىرىكمە مۇزىكا ئىتالىيىلىك كومپوزىتور بېرىئو ۋەكىللىكىدە بارلىققا كەلگەن ئېقىم. بۇنىڭدا تۈرلۈك ئۇسلۇب، تۈرلۈك خىلغا ئىگە مۇزىكىلار ئۆزئارا بىرىكتۈرۈلۈپ مۇزىكىلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى
ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki