UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىمۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى

مۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى

مۇزىكا دۇنياسى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى بولىدۇ. نەچچە ئون قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار ئۇل، تۈۋرۈك، ئۆگزىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم ۋە پۇختا قۇرۇلمىغا تايىنىپ تاغدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئاۋاز بەلگىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇزىكىدىمۇ ئاھاڭ شەكلى قۇرۇلمىسىغا ئېتىبار بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇزىكىدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك مۇزىكىلىق بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى قىسقا ناخشىلار بىرلا مۇزىكىلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. مۇزىكىلىق بۆلەكنى مۇزىكىلىق جۈملىدىن ئىبارەت تېخىمۇ كىچىك بىرلىككە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىر مۇزىكىلىق جۈملە ئادەتتە تۆت تاكتتىن تەشكىللىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا مۇزىكىلىق جۈملىنىڭ ئاخىرىدا قىسقا توختىلىش بولىدۇ. ناخشا ئېيتىۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نەپەس ئالماشتۇرۇلىدۇ. مۇزىكىلىق بۆلەك يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ بۆلۈنگەندە، مۇزىكىلىق قىسقا جۈملە ۋە مۇزىكىلىق ئىبارىغا ئايلىنىدۇ. مۇزىكىلىق قىسقا جۈملىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئىككى تاكتتىن تەركىب تاپىدۇ. مۇزىكىلىق ئىبارە كۆپ ھاللاردا بىر تاكتتىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا مۇزىكىلىق ئامىللاردىن تەشكىللىنىدۇ. ناخشىنىڭ دەسلەپكى مۇزىكىلىق جۈملىسى ئادەتتە پۈتكۈل ئەسەرنىڭ يادروسى ھەمدە چىقىش نۇقتىسى ھېسابلىنىپ، مۇزىكا تېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بىرقەدەر چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلاردا مۇزىكا تېمىسى بىر مۇزىكىلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. پۈتكۈل مۇزىكىلىق ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا مۇقەددىمە مۇزىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ كىرىش مۇزىكىسى ياكى ئېلىپ كىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاخىرىغا خاتىمە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ چۈشۈرگە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈرلۈك مۇزىكىلىق جۈملىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسى ئارىلىق مۇزىكىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئارىلىق مۇزىكىسى پائۇزا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقا پائۇزىلار »قىسقا پائۇزا« دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى
مۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki