UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىمۇزىكا گېربى

مۇزىكا گېربى

مۇزىكا دۇنياسى دۆلەت گېربى − بىر دۆلەتنىڭ بەلگىسى. مەكتەپ گېربى − بىر مەكتەپنىڭ بەلگىسى. مۇزىكىنىڭمۇ ئۆز بەلگىسى بار. ئۇ بولسىمۇ مۇزىكا گېربى. مۇزىكا گېربىنىڭ شەكلى قەدىمكى رىمنىڭ بىر خىل خەلق چالغۇسى − لىرا («لىرا» ئىتالىيانچە سۆز) دىن كەلگەن. بۇ چالغۇنىڭ شەكلى U ھەرپى سىياقىدىكى رامكىغا ئوخشايدۇ. ئۈستىگە بىر دانە بالداق، ئوتتۇرىسىغا بىرنەچچە دانە تار (ئاز بولغانلىرىدا ئۈچتىن بەش دانىگىچە، كۆپلىرىدە ئوندىن ئارتۇق)، ئاستىغا سادا (رىزونانس) ساندۇقى بېكىتىلىدۇ. لىرانىڭ شەكلى گۈزەل، كۆركەم. يەنە كېلىپ ئۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا، خەلقئارالىق مۇزىكا تەشكىلاتى لىرانىڭ شەكلىنى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ گېربى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە ئۇنى يەنىمۇ زىننەتلەش ئارقىلىق ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان كۆركەم، سەلتەنەتلىك قىياپەتكە كەلتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى