مۇزىكىلىق ئاۋاز ۋە شاۋقۇن
مۇزىكا دۇنياسى
ئاۋاز جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. جىسىملار تەۋرىنىش ھالىتىنىڭ قانۇنىيەتلىك ياكى قانۇنىيەتسىز بولۇشىغا ئاساسەن، ئاۋازلار مۇزىكىلىق ئاۋاز ۋە شاۋقۇن دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكى، ئاھاڭدارلىقى بولىدۇ، يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ؛ شاۋقۇننىڭ مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكى بولمايدۇ، تەرتىپسىز، يېقىمسىز ئاڭلىنىدۇ.
مۇزىكىدا مۇزىكىلىق ئاۋازمۇ، شاۋقۇنمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مۇزىكىلىق ئاۋاز ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. پىئانىنو، ئىسكىرىپكا، غېجەك، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئاۋازى مۇزىكىلىق ئاۋاز، جاڭ - جاڭ، دۇمباق، ناغرا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇن قاتارىغا كىرىدۇ.
مۇزىكا تۇرمۇشنى تۈرلۈك - تۈمەن تەرەپلەردىن ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىلمۇخىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال تۈردە پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇزىكا ناھايىتى زور ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، بەزى ئالاھىدە مەزمۇنلارنى يەنىلا شاۋقۇندىن پايدىلىنىپ ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئالايلۇق، نۇرغۇن ئادەم شاد - خۇراملىققا چۆمگەن، قىزغىن كەيپىياتقا ئىگە سورۇنلار ھەمىشە جاڭ - جاڭ، دۇمباقلارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئېقىمىغا تەۋە مۇزىكىلىق ئەسەرلەردە شاۋقۇندىن پايدىلىنىش تېخىمۇ ئومۇملاشقان. بەزى كومپوزىتورلار، ھەتتا تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق ئاۋازنى مۇزىكىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.