سىمفونىيە
مۇزىكا دۇنياسى
سىمفونىيە دراماتىك خاراكتېرگە باي چوڭ تىپتىكى تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار يۈرۈشلۈك مۇزىكىسى. سىمفونىيىنى تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى بىلەن ئورۇندىلىدىغان سوناتا دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئىلگىرى تۈرلۈك كۆپ يوللۇق مۇزىكىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سىمفونىيە دېيىلەتتى.18 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئىتالىيىچە ئوپېرالارنىڭ مۇقەددىمە مۇزىكىلىرى سىمفونىيە دېيىلىدىغان بولدى. ئوپېرا مۇقەددىمە مۇزىكىلىرى تېز، ئاستا، تېز سۈرئەتلىك ئۈچ بۆلەكتىن پەيدىنپەي ئۈچ بابقا راۋاجلىنىدۇ، بىر «مېننۇئېت» قوشۇلغاندىن كېيىن كلاسسىك سىمفونىيىنىڭ تۆت بابلىق تىپىك شەكلىگە ئايلىنىدۇ. ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور ھايدن كلاسسىك سىمفونىيىگە ئاساس سالغۇچى شەخس. ئۇ104 پارچە سىمفونىيە ئىجاد قىلىپ، «سىمفونىيە ئاتىسى» دەپ نام ئالغان.
بىتخوۋېن كلاسسىك سىمفونىيىنىڭ ئىسلاھاتچىسىدۇر. ئۇ «قەھرىمانلىق سىمفونىيىسى»، «تەقدىر سىمفونىيىسى» نى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق سىمفونىيىنى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى ھەمدە قەھرىمانلىق خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم مۇزىكا ژانىرىغا ئايلاندۇردى. بىتخوۋېندىن كېيىن، يەنى19 - ئەسىردىكى رومانتىزم كومپوزىتورلىرى سىمفونىيىنى يېڭى بىپايان دۇنياغا باشلاپ كىردى. جۈملىدىن، بۇ خىل ژانىرنىڭ پروگرامما خاراكتېرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن ئەدەبىيات، تىياتىر، گۈزەل سەنئەت قاتارلىقلارنى زىچ بىرلەشتۈردى. مەسىلەن، ۋېنگرىيىلىك كومپوزىتور لىزت گېرمانىيىلىك شائىر گيۇتىنىڭ ئەسىرىدىكى شەخسنى تېما قىلغان ھالدا «فائۇست سىمفونىيىسى» نى ئىجاد قىلدى.
سىمفونىيە ئادەتتە تۆت بابتىن تەركىب تاپىدۇ.1 - بابى كۆپ ھاللاردا تېز سۈرئەتلىك سوناتا شەكلىدە يېزىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۈرەشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، دراماتىك خاراكتېرگە باي كېلىدۇ. پۈتكۈل مۇزىكا خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تېمىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ۋە راۋاجى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.2 - بابى كۆپىنچە لىرىك ۋە ئاستا سۈرئەتتە ئورۇندىلىدۇ، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر ئىچكى ھېسسىيات ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇر بىلەن باغلانغان بولىدۇ.3 - بابى ئادەتتە ئوتتۇراھال سۈرئەتتىكى ئۇسسۇل مۇزىكىسى ياكى يۇمۇرلۇق مۇزىكىدىن تەركىب تاپىدۇ.4 - بابى كۆپىنچە تېز سۈرئەتلىك روندو ياكى سوناتا - روندو شەكلىدە يېزىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت سورۇنلىرى ياكى خەلقنىڭ غەلىبىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلەردىكى كۆلىمىمۇ ئوخشاش بولمىغان. دەسلەپكى يەككە چالغۇ شتاتلىق تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرىدا30 نەچچە ئادەم بولغان. كلاسسىك سىمفونىيىدە قوش چالغۇ شتاتلىق تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى ئىشلىتىلگەن، تەركىبىدە50 ~60 ئادەم بولغان. رومانتىزم دەۋرىدىكى سىمفونىيىلەردە ئۈچ - تۆت چالغۇ شتاتلىق تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى ئىشلىتىلگەن، تەركىبىدە100 نەچچە ئادەم بولغان.