سوناتا
مۇزىكا دۇنياسى
سوناتا − يالغۇز چالغۇ بىلەن ئورۇندىلىدىغان ياكى يالغۇز چالغۇ بىلەن پىئانىنو بىرلىكتە ئورۇندايدىغان يۈرۈشلۈك مۇزىكا. ئۇ ئۈچ ياكى تۆت مۇزىكا بابىدىن تەركىب تاپىدۇ. پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغىنى پىئانىنو سوناتاسى، ئىسكىرىپكا بىلەن پىئانىنو بىرلىكتە ئورۇندايدىغىنى ئىسكىرىپكا سوناتاسى دېيىلىدۇ.
سوناتانىڭ1 - بابى ئادەتتە سوناتا ئاھاڭ شەكلىدە يېزىلىدۇ. دەل شۇ ۋەجدىن، بۇ خىل مۇزىكا سوناتا دەپ ئاتالغان. سوناتا ۋانېرى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا ئادەملەر ئارىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەتلەر ھەمدە جەمئىيەتتىكى دراماتىك توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەشكە توغرا كەلگەن. نەتىجىدە، مۇشۇنداق بىر خىل ئاھاڭ شەكلى قۇرۇلمىسى ئىجاد قىلىنغان.
سوناتانىڭ نامايان بولۇش قىسمى ئادەتتە ئۆزئارا سېلىشتۇرما قىلىنغان ياكى زىددىيەت پەيدا بولغان ئىككى تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. راۋاجلىنىش قىسمىدا زىددىيەت توقۇنۇشلىرى ۋە كۈرەشلەر راۋاجلىنىدۇ، قايتا كۆرۈنۈش قىسمىدا كۈرەش نەتىجىسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.1 - بابى مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە يېزىلغانلىكى يۈرۈشلۈك ئاھاڭ سوناتا شەرتىگە توشىدۇ.
بىتخوۋېن ئۆز ھاياتىدا32 پارچە پىئانىنو سوناتاسى يازغان. ئۇلار پىئانىنو مۇزىكىلىرى ئىچىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ھەسرەت، ئاي نۇرى، بوران - چاپقۇن، سۈبھى، قىزغىنلىق» ناملىق سوناتالار تولىمۇ مەشھۇر. ھايدن، موزارت، بىتخوۋېنلارنىڭ پىئانىنو سوناتالىرى پىئانىنو ئۆگىنىۋاتقان ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇقتۇر. يېقىنقى زامان كومپوزىتورلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدىمۇ نۇرغۇن سوناتالار مەيدانغا كەلدى. لېكىن، ئۇلار شەكىل جەھەتتىن ئاددىيراق يېزىلغان. مەسىلەن، لىزىتنىڭ سوناتاسى ئارانلا بىر باب.