UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىسېرېنادا، فوتتۇرنو، بېرسېيس

سېرېنادا، فوتتۇرنو، بېرسېيس

مۇزىكا دۇنياسى سېرېنادا (تۈن مۇزىكىسى) گۇگۇم مەزگىللىرى ياكى كېچىلەردە سىرتتا يالغۇز ئورۇندىلىدىغان ناخشا - مۇزىكا. بۇ خىل مۇزىكىدىن سىلىقلىق، سىپايىلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتە يىگىتلەر ئۇنى سۆيگەن قىزلىرىنىڭ دېرىزىسى تۈۋىدە گىتارغا ئوخشاش چەكمە چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ ئورۇندايدۇ.18 - ئەسىردە كەچلىك سورۇنلاردا مۇزىكا ئورۇندايدىغان كىچىك ئوركېستىرلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ سېرېنادا دەپ ئاتالغان. شۇبېرتنىڭ «سېرېنادا» سى تولىمۇ مەشھۇر. ئۇنىڭدا بىر يىگىتنىڭ سۆيگەن قىزىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىزھار قىلىنغان. فوتتۇرنو ياۋروپا رومانتىزم مۇزىكا ئېقىمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكا ژانىرى. ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئىرىلاندىيە كومپوزىتورى فېلد تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، ئادەتتە يالغۇز پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بۇ خىل مۇزىكا رومانتىك تۈسكە تولغان بولۇپ، شەكلى ئەركىن، ئاھاڭى نەپىس، يەنە كېلىپ سېرېناداغا قارىغاندا كەڭرەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن جىمجىت، پىنھان، لىرىك ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە ناخشىلىق خاراكتېرگە باي بولۇش، بۆلۈنمە ئاككوردلارنى كۆپ ئىشلىتىش، زىننەت ئاۋازلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شوپىن19 پارچە فوتتۇرنو يېزىش ئارقىلىق بۇ خىل ژانىرنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. فوتتۇرنو بىلەن سېرېنادانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چەك - چېگرا يوق. ئۇلار مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتە بەكمۇ پەرقلەنمەيدۇ. بېرسېيس «ئەللەي ناخشىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مۇزىكىنىڭ سۈرئىتى ئاستا، ئادەتتە4/3،8 /6 ئۇدارلاردا ئورۇندىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ لەرزان تەۋرىتىلگىنىدەك تەڭكەش شەكلىدىكى لىرىك مېلودىيە مېھرىبان ئانا پەرزەنتىنى پەپىلەپ ئۇخلىتىۋاتقاندەك تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇبېرت ۋە برامسلار يازغان «بېرسېيس» لار مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى