ۋالىس، مازوركا، مىنيۇئېت، مارش
مۇزىكا دۇنياسى
ۋالىس − رىتىمى ئېنىق، قىزغىن، جۇشقۇن كەيپىياتتا ئورۇندىلىدىغان4 /3 ئۇدارلىق ئۇسسۇل مۇزىكىسى. ئۇ تېز قەدەملىك ۋە ئاستا قەدەملىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، ئۇسسۇل ئوينىغاندا ئىككى كىشى جۈپ بولۇپ پىرقىرايدۇ. «ۋالىس» نامى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. ۋالىس مۇزىكىسى ئاۋسترىيە يېزىلىرىدا بارلىققا كەلگەن، كېيىنچە ئوردىغا كىرگەن،19 - ئەسىردە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە كەڭ تارقالغان، بارا - بارا پۈتكۈل دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇسسۇل مۇزىكىسىغا ئايلانغان. ئاۋستىرىيىلىك كومپوزىتور جۇن سترائۇس «كۆك دۇناي دەرياسى» قاتارلىق100 دىن ئارتۇق ۋالىس مۇزىكىسى ئىجاد قىلىپ «ۋالىس شاھى» دەپ نام ئالغان.
مازوركا پولشا خەلقىنىڭ ئەر - ئاياللار جۈپ بولۇپ ئوينايدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل مۇزىكىسى. بۇ مۇزىكا4 /3 ئۇداردا ئورۇندىلىدۇ. كۈچلۈك ئۇدار كۆپ ھاللاردا2 - ياكى3 - ئۇدارغا چۈشىدۇ، سۈرئىتى تېزرەك، كەيپىياتى جانلىق ۋە قىزغىن بولىدۇ. مازوركا16 - ئەسىردە بالتىق دېڭىز بويىدىكى مازور خەلقى ئولتۇراقلاشقان رايوندا بارلىققا كەلگەن،18 - ئەسىردە گېرمانىيىگە كىرگەن،19 - ئەسىردە ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرگە كىرىش ئارقىلىق ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان. پولشالىق كومپوزىتور شوپىن بۇ ژانىرنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، يالغۇز پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغان نۇرغۇن مەشھۇر مۇزىكىلارنى يازغان.
مىنيۇئېت كىچىك قەدەم بىلەن ئورۇندىلىدىغان بىر خىل ئۇسسۇل مۇزىكىسى. ئۇ فرانسۇزلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان4 /3 ئۇدارلىق يەرلىك ئۇسسۇل مۇزىكىسىدىن بارلىققا كەلگەن،17 - ئەسىردە ئوردىغا كىرگەن ھەمدە بارا - بارا نەپىس - نازاكەتلىك ئۇسسۇل مۇزىكىسىغا ئايلىنىپ، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىدە مودا بولغان، مىنيۇئېت تەكشى، ئازادە رىتىمدا،4/3 لىك ئۇدار بويىچە ئورۇندىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوردا مۇراسىملىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكەتلىرى ئەكس ئېتىدۇ. بىتخوۋېننىڭ «G چوڭ كۈيلۈك مىنيۇئېتى» تولىمۇ مەشھۇر.
مارش سەپتىكى قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ماسلاشتۇرۇلغان مۇزىكا. ئادەتتە4 /2،4 /4 ئۇدارلاردا ئورۇندىلىدۇ، رىتىمى ئېنىق، مۇزىكا قۇرۇلمىسى رەتلىك، ئۇنىڭدا كۈچلۈك ئۇدار تەكىتلىنىدۇ، چېكىتلىك ئاۋازلار كۆپرەك بولىدۇ. مارش ئارمىيە مارشى، قارشى ئېلىش - ئۇزىتىش مارشى، توي مارشى، دەپنە مارشى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئىنسترومىنتاللىق مارشلار ئىچىدە ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور شوبېرتنىڭ «ئارمىيە مارشى» ھەممىدىن مەشھۇر. ۋوكاللىق مارشلار ئىچىدە فرانسىيىنىڭ «مارسېل مارشى»، جۇڭگونىڭ «پىدائىيلار مارشى» داڭق چىقارغان.