فانتازىيە، راپسودىيە، كاپرىچچىيو
مۇزىكا دۇنياسى
بۇ ئۈچ خىل مۇزىكا ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكىلار تۈرىگە تەۋە. ئۇلار شەكىل جەھەتتىن ئەركىن، دەمال جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغان، بىرەر رامكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇزىكىلاردۇر.
فانتازىيە شەكىل جەھەتتىن تولىمۇ ئەركىن يېزىلىدۇ، مۇقىم ئاھاڭ شەكلى بولمايدۇ، كومپوزىتورنىڭ ئۇرغۇپ چىققان مۇزىكىلىق تەپەككۇرى بويىچە ئەركىن ھالەتتە بارلىققا كېلىدۇ. رۇس كومپوزىتورى گلىنكانىڭ «كامارىنسكايا فانتازىيىسى» مەشھۇر فانتازىيىدۇر. بۇ مۇزىكىدا رۇس خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئۇسسۇل ناخشىلىرى سېلىشتۇرما قىلىنىش ئارقىلىق رۇس خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئوبرازلىق، تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
راپسودىيە دېگەندە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىن ھېسسياتلىق مۇزىكىلىق ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل مۇزىكىنىڭ ماتېرىيالى مىللىي مۇزىكىلار ھەمدە شەھەرلەردە مودا بولغان ئاھاڭلاردىن ئېلىنىدۇ، مۇزىكىنىڭ ھەجمى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدا ۋەتەن، مىللەت، قەھرىمان شەخسلەر مەدھىيىلىنىدۇ. ئالايلۇق، لىزىتنىڭ پىئانىنو بىلەن ئورۇندىلىدىغان19 پارچە «ۋېنگرىيە راپسودىيىلىرى» ۋېنگر خەلق ناخشىلىرى، ۋېنگرىيە سىگان ناخشىلىرى ھەمدە خەلق ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ئاساسىدا يېزىلغان روشەن مىللىي تۈسكە ئىگە مۇزىكىدۇر. گىرشۋىننىڭ «كۆك راپسودىيە» سىمۇ قۇرۇلما جەھەتتىن بەكمۇ ئەركىن يېزىلغان، جازلاشتۇرۇلۇپ دەمال ئورۇندىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كاپرىچچىيو قۇرۇلما جەھەتتىن ئەركىن، تېخنىكا جەھەتتىن قىيىن، خاراكتېر جەھەتتىن ئاجايىپ - غارايىپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ خىل ژانىر قىزغىن، روھلۇق ئورۇندىلىدۇ، تېمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ مۇزىكىدا ھەمىشە مىللىيچە مېلودىيە تېما قىلىنىدۇ، ئۇ يەنە يەرلىك تۈسكە باي كېلىدۇ. ئالايلۇق، چايكوۋسكىينىڭ «ئىتالىيە كاپرىچچىيوسى» دا كومپوزىتورنىڭ ئىتالىيىدە زىيارەتتە بولغان چاغدىكى تەسىراتلىرى − يەرلىك تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ - ئادەت ۋە تەبىئەت مەنزىرىلىرى ئىپادىلەنگەن. رىمسكىي - كورساكوفنىڭ «ئىسپانىيە كاپرىچچىيوسى» دا جەنۇبىي ياۋروپانىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى، ئىسپان خەلقىنىڭ شېئىرىي مەنىگە باي تۇرمۇش كارتىنىسى تەسۋىرلەنگەن.