UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىبەش سىزىقلىق نوتا

بەش سىزىقلىق نوتا

مۇزىكا دۇنياسى قۇمچاقلارنىڭ سودا ئۈزۈۋاتقىنىغا ئوخشايدىغان بۇ خىل نوتىنى ئىتالىيىلىك مۇزىكىشۇناس گۇيېدو11 - ئەسىردە ئىجاد قىلغان. دەسلەپتە بۇ نوتىدا تۆت سىزىقلا بولغان، كېيىنچە پەيدىنپەي بەش سىزىق، ئالتە سىزىق ۋە يەتتە سىزىققا تەرەققىي قىلغان. تەخمىنەن16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بەش سىزىقلىق نوتا رەسمىي مۇكەممەل سىستېما بولۇپ بېكىتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. بەش سىزىقلىق نوتا بەش دانە پاراللېل سىزىقتىن تەركىب تاپىدۇ. ئەسلىدىكى بەش سىزىقتىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىگە يەنە سىزىق قوشۇشقا بولىدۇ. بەش دانە سىزىق (ھەر ئىككى سىزىقنىڭ ئارىسىدىكى «ئارىلىق» مۇ بۇنىڭ ئىچىدە) تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئاۋازلارنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تۈرلۈك ئاۋاز بەلگىلىرى ۋە تۇرغۇچلار ئاۋازلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت سەرپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەش سىزىققا جايلاشقان ئاۋاز بەلگىلىرى ئادەتتە نوتا بېشى، نوتا تاياقچىسى ۋە نوتا قۇيرۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەر كىچىك قۇمچاقلارغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. بىر دانە نوتا تاياقچىسىغا بىرنەچچە نوتا بېشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كۆپ يوللۇق مۇزىكىلارنى خاتىرىلەشكە راسا باب كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى
بەش سىزىقلىق نوتا | UyghurWiki | UyghurWiki