خەلق مۇزىكىلىرى
مۇزىكا دۇنياسى
خەلق مۇزىكىلىرى دېگەندە خەلق ئىچىدە شەكىللەنگەن ۋە تارقالغان ۋوكاللىق، ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار خەلق ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ۋە خەلق تىياتىر مۇزىكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇزىكىلار روشەن مىللىي ئۇسلۇب ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇرۇندىنلا ئاغزاكى شەكىلدە تارقىلىپ كەلگەن. خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئاساسەن ئىجادىيەت تالانتىغا ئىگە، نامى چىقمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ھەم ئاپتور، ھەم ئورۇندىغۇچى بولۇپ كەلگەن.
خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ مۇزىكىلىق تىلى ئىخچام، ئاددىي، ئوبرازى ئېنىق ۋە تەسىرلىك، ئىپادىلەش ۋاسىتىسى رەڭگارەڭ ۋە خىلمۇخىل. ئۇ، خەلقنىڭ خاراكتېرى، ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ، مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، ئەمگەك ئەھۋالى ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى تازىمۇ جايىدا ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەخسۇس خەلق مۇزىكىلىرىنى ئورۇندايدىغان تەشكىلاتلار قۇرۇلغان. كومپوزىتورلار ئادەتتە خەلق مۇزىكىلىرىنى توپلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تۈرلۈك ۋوكاللىق ۋە ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىدۇ. شۇڭا، خەلق مۇزىكىلىرى كومپوزىتور مۇزىكىلىق تىلىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.