كلاسسىك مۇزىكىلار
مۇزىكا دۇنياسى
كلاسسىك مۇزىكىلار ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئىگە. كەڭ مەنىدىكى كلاسسىك مۇزىكا17 - ئەسىردىن19 - ئەسىرگىچە بولغان كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە شۇ دەۋردىن بۇرۇنقى باروك مۇزىكىسى، كېيىنكى رومانتىزم مۇزىكا ئېقىمى، مىللىي مۇزىكا ئېقىمى قاتارلىق مۇزىكىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭ مەنىدىكى كلاسسىك مۇزىكا ئاساسەن جاز مۇزىكىسى قاتارلىق ئاممىباب مۇزىكىلار ھەمدە خەلق مۇزىكىلىرىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جاز مۇزىكىلىرى ۋە خەلق مۇزىكىلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشىمايدىغان كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىكى كلاسسىك مۇزىكا دېگەندە،18 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھايدن، موزارت، بىتخوۋېنلارنىڭ ۋەكىللىكىدە ۋېنادا شەكىللەنگەن بىر خىل مۇزىكا ئېقىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
كلاسسىك مۇزىكا ئېقىمىغا تەۋە مۇزىكىلار مۇزىكىدا مەنتىقىنى تەكىتلەش، بەدىئىي شەكىل جەھەتتىن پۇختا بولۇش، مۇزىكا تىلى ئېنىق ۋە ئاددىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە