مودا مۇزىكىلار
مۇزىكا دۇنياسى
مودا مۇزىكىلار دېگەندە، ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان، ئېيتالايدىغان، چالالايدىغان ھەمدە كەڭ تۈردە تارقالغان مۇزىكىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل مۇزىكىلارنى كۆپ ھاللاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقىلى بولىدۇ. ئۇلار يەنە روشەن رىتىم، ئاددىي توقۇلما گەۋدە، شۇنىڭدەك ئىخچام گارمونىيىگە ئىگە. مودا ناخشىلارنىڭ تېمىسى كەڭ، ئۇسلۇبى كۆپ خىل. ئۇلار ئاممىباب ناخشا - مۇزىكىلار، ئوپېرالار، ئۇسسۇللۇق تىياتىر مۇزىكىلىرىدىن تاللانمىلار، ئاممىباب ئوركېستىر مۇزىكىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.19
- ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىن20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىغا قەدەر، ئامېرىكىدا مودا ناخشىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ھەمدە جاز مۇزىكىسى بىلەن بىرلىشىپ غەرب مودا مۇزىكىلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى. ئاكۇستىكا تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، مودا مۇزىكىلار تېخىمۇ تاۋارلاشتى، جۈملىدىن رېستوران، تانسىخانىلاردا ئورۇندىلىشتىن تاشقىرى، ئائىلىلەرگىمۇ كىرىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى.
مودا مۇزىكىلار خەلق ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل مۇزىكىلارنى ياشلار بەكمۇ ياقتۇرىدۇ. شۇغىنىسى، ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ، يامانلىرىمۇ بار. بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى ساغلام، بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى ناچار. شۇڭا، ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم.