UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىئاددىي نوتا

ئاددىي نوتا

مۇزىكا دۇنياسى ئاددىي نوتا ئاۋازلارنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئەرەب رەقەملىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان نوتىغا ئېلىش ئۇسۇلىدۇر. ئاددىي نوتا ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىلىك موناخ سۇئېتى تەرىپىدىن1665 - يىلى ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇنى فرانسىيىلىك پەيلاسوپ رۇسسو مۇكەممەللەشتۈرگەن.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى شېن شىنگۇڭ، لى شۇتۇڭ قاتارلىقلار ئاددىي نوتىنى ياپونىيىدىن ئېلىپ كىرگەن.1904 - يىلى شېن شىنگۇڭ بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن «مەكتەپ ناخشىلىرى توپلىمى» نى ئاددىي نوتىدا نەشر قىلدۇرغان. ئاددىي نوتىدا1 ،2 ،3 ،4 ،5 ،6 ،7 دىن ئىبارەت ئەرەب رەقەملىرىod، er، im، af، os، al، is دىن ئىبارەت يەتتە ئاۋازغا،0 تۇرغۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رەقەملەرنىڭ ئۈستى ياكى ئاستىغا چېكىت قويۇلۇش ئارقىلىق بىر ئوكتاۋا يۇقىرى ياكى تۆۋەن ئاۋازلار ئىپادىلىنىدۇ. رەقەمنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر سىزىق سىزىلسا، شۇ ئاۋاز ۋاقىت سەرپىياتىنىڭ بىر ھەسسە ئۇزارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، رەقەمنىڭ ئاستىغا بىر سىزىق سىزىلسا، شۇ ئاۋاز ۋاقىت سەرپىياتىنىڭ يېرىمى قىسقارغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل نوتىغا ئېلىش ئۇسۇلى ئاددىي، ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك. شۇڭا، ئۇ ھېلىمۇ كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن، ئۇ كۆپ يوللۇق مۇزىكىلار، شۇنىڭدەك ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ ئاھاڭلارنى خاتىرىلەشكە قۇلايسىز.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى
ئاددىي نوتا | UyghurWiki | UyghurWiki