UyghurWiki
UyghurWikiمۇزىكا دۇنياسىمۇزىكىدىكى رەڭدارلىق

مۇزىكىدىكى رەڭدارلىق

مۇزىكا دۇنياسى مۇزىكىدا ئەزەلدىن رەڭدارلىق تەكىتلىنىدۇ. ھەربىر چالغۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئاۋاز تۈسى بولىدۇ. جۈملىدىن، ئېرخۇ بىلەن ئىسكىرىپكىنىڭ ئاۋازى ئوخشاشمايدۇ، نەي بىلەن كلارنېتنىڭ ئاۋازلىرىمۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئادەم ئاۋازىمۇ ئەرلەر ئاۋازى، ئاياللار ئاۋازى ھەمدە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئاۋازلارغا ئايرىلىدۇ. ئاياللار يۇقىرى ئاۋازى زىل، سۈزۈك، ياڭراق، ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازى بوم ۋە سالماق كېلىدۇ. ئارىلاشما ئاۋازلىق خور ھەمدە تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرىدا خىلمۇخىل ئاۋاز تۈسلىرى بىرلىشىپ ئاجايىپ رەڭدار، چەكسىز گۈزەل ئاۋاز تۈسى ئۆزگىرىشلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. مۇزىكىدىكى «رەڭدارلىق» نى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى مۇزىكا ئاڭلىغان چاغدا سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ھېس قىلىدۇ. رەڭدار مۇزىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنى مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلار مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خىلمۇخىل ئۆزگىرىشچان رەڭلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئىلگىرى رەڭدار مۇزىكىلار ئورۇندالغاندا، مۇناسىپ رەڭلەر ئاۋاز قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئېكرانغا چۈشۈرۈلەتتى.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىغا كەلگەندە، لازېر نۇرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ ئېكران ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، لازېر نۇرى بىلەن ھاۋا بوشلۇقى يورۇتۇلۇپ، رەڭمۇرەڭ تۈسكە ئىگە ئاجايىپ مەنزىرىلەر نامايان قىلىنىدىغان بولدى. نەتىجىدە، ئاڭلاش سېزىمى بىلەن كۆرۈش سېزىمى سەنئەتتىن تەڭلا بەھرىمەن بولىدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى.
← بارلىق تېمىلار مۇزىكا دۇنياسى