UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىشىئەن بەنپو خارابىلىكى مۇزېيى

شىئەن بەنپو خارابىلىكى مۇزېيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىدە بۇنىڭدىن تەخمىنەن6000 يىل ئىلگىرىكى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى كەنت خارابىسى بار، بۇ1953 - يىلى بايقالغان. بۇ كەنت خارابىلىكىگە شىئەن بەنپو خارابىلىك مۇزېيى قۇرۇلغان. مۇزېيدا نەچچە مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىي يادىكارلىق، ئەۋرىشكە، سۈرەت، گرافىك، ھەيكەل بار بولۇپ، كىشىلەرگە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ئوبرازلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ مۇزېينىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئەينى چاغدا بەنپودا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بەنپولۇقلار ئىشلەتكەن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئاساسلىقى تاش بىلەن سۆڭەكتىن ياسالغان. تاشتىن ياسالغان قوراللاردىن پالتا، چوت، پىچاق، ئوتىغۇچ، چاناش سايمانلىرى، نەيزە بېشى، تور جالاسى، يىپ ئېگىرىش چاقى قاتارلىقلار بار. سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللاردىن ئاساسلىقى پىچاق، ئوتىغۇچ، ئىسكىنە، يىڭنە، بېلىق قارمىقى، بېلىق ئوۋلاش ئارىسى قاتارلىقلار بار. سۆڭەكتىن ياسالغان بېلىق قارمىقى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، تولىمۇ سىپتا ياسالغان؛ سۆڭەكتىن ياسالغان يىڭنىنىڭ شەكلى ھازىرقى پولات يىڭنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆرگەزمىخانىغا يەنە بەنپولۇقلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىنچىكە ئۇزۇن جوغىلىق چەينەك، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىلىدىغان ساپال قاچا، سۇ تارتىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاستى تەرىپى ئۇچلۇق قاچا، سۇ ئالغاندا ئىشلىتىلىدىغان قاپاقسىمان چەينەك، يەنە بىرمۇنچە ساپال قاچا، ساپال كومزەك، ساپال ئىدىش قاتارلىقلار بار. بۇ ساپال بۇيۇملاردىكى نەقىشلەر ئەينى چاغدىكى نەپىس سەنئەت تېخنىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېلىقنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن تەشتەك - قاچىلاردىكى بېلىق نۇسخىلىق نەقىش بەنپودىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك بېزەك ھېسابلىنىدۇ. خارابىلىك زالىدا بەنپو ئىپتىدائىي كەنتىنىڭ بىر قىسمى كۆرگەزمە قىلىنغان. ئەينى چاغدىكى ئۆيلەر بەنپودىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى يەر ئاستى ئۆيى بىلەن كېيىنكى مەزگىلدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۆيلەر ئاساسلىقى ياغاچ، ئوت - چۆپ ۋە لاي - توپىدا سېلىنغان. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى تەكشى، ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىغا نەرسە - كېرەك ساقلايدىغان بىر ياكى بىرنەچچە گەمە سېلىنغان بولۇپ، بۇ بەنپولۇقلارنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئامبىرى ئىدى. مەھەللە مەركىزىدىكى چوڭ ئۆي خارابىسى ئىلگىرىكى كوللېكتىپ پائالىيەت سورۇنى، شۇنداقلا ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ يېتىپ - قوپىدىغان جايى ئىدى. بەنپو خارابىلىكى مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆڭەك قورال، تاش قورال ۋە ساپال بۇيۇملارنى تەقلىد قىلىپ ياساپ، بۇنىڭدىن6000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بەنپولۇقلارنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆتكەن ھاياتىنى ھېس قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن، تاش، سۆڭەك ۋە ساپال دېگەندەك نەرسىلەر تەييارلاپ قويۇلغان.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى