بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
1957 - يىلى قۇرۇلغان بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيى بېيجىڭنىڭ غەربىدىكى ھايۋانات باغچىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا جايلاشقان. پۈتكۈل بىنا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئاق ئۆي بولۇپ، يېرىم شار شەكىللىك قىزىل مىس ئۆگزىسى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ.
بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ تاماشىبىنلارنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدىغىنى تۈرلۈك ئاسترونومىيە ھادىسىلىرى كۆرسىتىلىدىغان «ئاسترونومىيە ھادىسىلىرى زالى» بولۇپ، بۇ يەردە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ۋە ھەر خىل ئاسترونومىيە ھادىسىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولىدۇ.600 ئادەم سىغىدىغان بۇ زال كىنوخانىغا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ كىنوخانا ئەمەس. ئۇنىڭ «ئېكرانى» تورۇستا؛ تاماشىبىنلارنىڭ ئورنى ئېكرانغا قارىتىلىپ تەرتىپ بويىچە ئەمەس، بەلكى شارسىمان ھالەتتە تىزىلغان؛ فىلىم قويۇش ئاپپاراتى زالنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئەمەس، بەلكى زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەگمە شەكىللىك ئېكراندا سۈنئىي يۇلتۇزلۇق ئاسمان پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە خۇددى ئايدىڭ كېچىلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىراق، بىز ئادەتتە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارىساق، ئۇلار جىم تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ يەردىكى سۈنئىي يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ھەم ئىلگىرىكى ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى قايتىدىن كۆرگىلى، ھەم كەلگۈسىدىكى ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى ئالدىن كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئۇ ھەم پۈتكۈل يۇلتۇزلۇق ئاسماننى نامايان قىلالايدۇ، ھەم ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى نامايان قىلالايدۇ، كىشىلەر بۇ يەردە سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىنى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىشى ۋە ئۇپۇقنىڭ مۇھىتى قاتارلىق مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئاسترونومىيە سارىيىدا يەنە كۆرگەزمە، تەشۋىقات زاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئاسترونومىيە بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. زالغا كىرىش بىلەن تەڭ تورۇسقا ئېسىپ قويۇلغان بىر چويۇن توپ كۆزگە چېلىقىدۇ، ئۇ قارا مەرمەر تاشتىن ياسالغان يۇمىلاق كۆلچەكتە توختىماستىن تەۋرىنىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى رەسەتخانىغا رادىئۇسى13 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر ئاسترونومىيە دۇربۇنى قويۇلغان بولۇپ، تاماشىبىنلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇياش داغلىرى، ئايدىكى ھالقىسىمان تاغلار، ساتۇرندىكى نۇر ھالقىسى قاتارلىق ئاسترونومىيە مەنزىرىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
بېيجىڭدىكى جيەنگومېنغا جايلاشقان بېيجىڭ قەدىمكى رەسەتخانىسى بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي رەسەتخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ1279 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا «سىتيەنتەي» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا ئاسمان جىسىملىرى ئەسۋابى، كۋادرات، ئۇپۇق سىركۇلى، ئېگىزلىك سېكتورى، ئېكۋاتور سىركۇلى، ئېكلىپتىكا سىركۇلى، سېكستانت، مۇرەككەپ ئېكۋاتورلۇق ئارمىلليار شارىدىن ئىبارەت قەدىمكى سەككىز دانە ئاسترونومىيە ئەسۋابى ساقلىنىپ كەلمەكتە. يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ ئاسماندىكى ئورنىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلگەن بۇ ئەسۋابلار كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاسترونومىيە تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تۇتقان ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.