جۇڭگو تارىخ مۇزېيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
جۇڭگو تارىخ مۇزېيى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، بۇ بىنا ئەسلىدە1912 - يىلى قۇرۇلغان بېيجىڭ تارىخ مۇزېيى بولۇپ،1959 - يىلى يېڭىدىن بىنا سېلىنىپ، نامى جۇڭگو تارىخ مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ بىر پارچە ئوبرازلىق تارىخىي كىتاب بولۇپ، كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
«جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى كۆرگەزمىسى» جۇڭگو تارىخ مۇزېيىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن، ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى، ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ تارىخىنى ئورتاق ياراتقانلىقىدەك تۆھپىسىنى سىستېمىلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەت قىسمىدا، تەخمىنەن1 مىليون700 مىڭ يىل ئىلگىرىكى مەزگىلدىن تەخمىنەن40 نەچچە مىليون يىل ئىلگىرىكى مەزگىلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى نۇرغۇن تاشقا ئايلانغان جىسىم، سۆڭەك - ئىسكىلىتلار، مۈڭگۈزدىن ياسالغان قورال - سايمانلار، تاش قوراللار، ساپال بۇيۇملار ۋە ھەر خىل خارابىلىكنىڭ مودېللىرى قويۇلغان.1965 - يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈەنمۇ ناھىيىسىدىن بايقالغان «يۈەنمۇ ئادىمى» نىڭ تاشقا ئايلانغان ئىككى تال چىشى ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن1 مىليون700 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇھىم زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. قۇللۇق جەمئىيەت قىسمىدا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى21 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى476 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ، يەنى شيا، شاڭ، غەربىي جۇ، ئەمىنىيىدىن ئىبارەت تۆت دەۋرنىڭ تارىخى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، چىغىناق - تارغاق يېزىقى ئويۇلغان تاشپاقا قېپى، ھايۋانات سۆڭىكى ۋە مىستىن ياسالغان نەپىس سايمان - ئەسۋابلار قويۇلغان. فېئوداللىق جەمئىيەت قىسمىدا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى475 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1840 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخ كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ تارىخ يېغىلىق دەۋرىدىن باشلىنىپ، چىن سۇلالىسى، خەن سۇلالىسى، ئۈچ پادىشاھلىق، ئىككى جىن سۇلالىسى، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي سۇلالىسى، تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋر، لياۋ سۇلالىسى، سۇڭ سۇلالىسى، غەربىي شيا سۇلالىسى، جىن سۇلالىسى، يۈەن سۇلالىسى، مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ يەرگە نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە باشقا كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشتىن ھالاك بولۇشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى جەمئىيەتتىكى ئىلىم - مەرىپەت، مەدەنىيەت - سەنئەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدۇ.