فرانسىيە بايقاش سارىيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
فرانسىيە بايقاش سارىيى20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن تېخنولوگىيە ۋە تېخنىكا كۆرگەزمىلىرى ئاساسىدا، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى فىزىك جېئان بۇرلىننىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان، ئورنى پارىژ شەھىرىدىكى داڭلىق ئىمارەت «چوڭ ساراي» دا.
بايقاش سارىيى ئۇل نەزەرىيە مۇھىم نۇقتا قىلىنغان پەن - تېخنىكا مۇزېيى بولۇپ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، مېدىتسىنا، گېئولوگىيە، ئاسترونومىيە، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە50 تىن ئارتۇق پائالىيەت زالىدىن تەركىب تاپقان. بۇ يەردە ھەر كۈنى ھەر خىل ئىلىم - پەن تەجرىبىلىرى ئىشلىنىپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر تاماشىبىنلارنىڭ بىۋاسىتە ھېس قىلىپ بېقىشىغا ۋە مەشغۇلات قىلىشىغا ئېچىۋېتىلگەن، بۇلار ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ماتېماتىكا پائالىيەتخانىسىدا تۆشۈك تەشكۈچ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ قائىدىسى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزى قول سېلىپ ھېسابلاش تەرتىپىنى تۈزۈپ باقسا بولىدۇ. ئاۋىئاتسىيە پائالىيەتخانىسىدا تاماشىبىنلار ئايروپىلان ھەيدەش بۆلمىسىدە ئولتۇرۇپ سىرتتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلالايدۇ، ئۇلار ئۆزىنى خۇددى پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى دېگول ئايرودرومىدا ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. تاماشىبىنلار يەنە مودېل ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۆزى مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئايروپىلاننى قوزغىتىش ۋە يەرگە قوندۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توغرا ئىشلىيەلىگەن - ئىشلىيەلمىگىنىگە ھۆكۈم قىلالايدۇ. مېدىتسىنا پائالىيەتخانىسىدا بالىلار دائىم زور قىزىقىش بىلەن «ئادەم ۋە ئوزۇقلۇق» ناملىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىنى چۆرىدىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يېشى ۋە ھەرىكەت مىقدارىغا ئاساسەن، ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە باشقا ئوزۇقلۇق بويىچە ئۆزى ئامراق تاماق تىزىملىكىنى كۇنۇپكا ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىدۇ ۋە تەييارلايدۇ.
ناھايىتى كۆپ ئاپتوماتىك پرويېكسىيە، كىنو، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، تېلېۋىزور ۋە توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولى ئەسۋابلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئۈن - سىن ۋە رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى بۇ يەرنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چوڭ «ئىلىم - پەن دۇنياسى» غا ئايلاندۇرغان. كۆرگەزمە زالىدا ئافرىقا زەرەتلىك قارىغۇ بېلىقىنىڭ قۇيرۇق پالاقچىسىنى ئېلېكتر قۇتۇپى قىلىش ئارقىلىق ئېلېكتر مەيدانى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەمدە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك تۇتۇپ يەيدىغانلىقى ۋە دۈشمىنىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ كىشىلەر ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپلۇق ئېكران ئارقىلىق پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى سازلىقتا ياشايدىغان قىل ئاياغلىق قۇرت بىلەن پارامېتسىيىنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيدۇ؛ فىزىكىدىكى سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ بروۋن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ؛ يەنە ئېلېكترونلۇق كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق مەلۇم خىمىيىلىك رېئاكسىيىنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى كۆرگىلى بولىدۇ.