UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىمۇزېي

مۇزېي

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن باشلاپلا ئۇلۇغ ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە باشلىغان، ئۇلار ئۈزلۈكسىز تۈردە دۇنيانى بىلىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا، تاش قوراللارنى ياساشتىن تارتىپ ئالەم ئايروپىلانىنى قويۇپ بېرىشكىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مۇزېي ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق رەڭگارەڭ دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تارىخى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، مۇزېي بىۋاسىتە كۆرسەتمىلىك، ستېرېئولۇق «قامۇس»تۇر. مۇزېينىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى قەدىمكى جەمئىيەتتە پەيدا بولغان. غەربنىڭ «مۇزېي» ى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى283 - يىلىدىكى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى مىيۇس ئايال ئىلاھ ئىبادەتخانىسىدىن باشلانغان. جۇڭگونىڭ فېئوداللىق پادىشاھلىق، سۇلالىلىرىدە مۇراسىم بۇيۇملىرى، قورال - ياراغ، قىممەتلىك، ئېسىل بۇيۇملار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە كىتاب - ماتېرىياللار يىغىپ ساقلانغان ئىبادەتخانا، قورال - ياراغ ئامبىرى، مەخپىي ئۆي، ئىچكى خەزىنىلەرنىمۇ مۇزېينىڭ ئىپتىدائىي شەكلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.16 -،17 - ئەسىرلەردىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى داۋامىدا، كىشىلەر يۇنان بىلەن رىمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى قايتىدىن بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە تارىخىي يادىكارلىقلارنى يىغىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن؛ دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەبىئىي ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكىلەر مۇزېيلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ماددىي ئاساس سېلىپ بەرگەن. ياۋروپادا يۈز بەرگەن بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا پادىشاھ، ئاقسۆڭەك ۋە روھانىيلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكىلەرنى يىغىپ ساقلاشنى مونوپول قىلىۋېلىش ھوقۇقىغا خاتىمە بېرىلىپ، بەزى يىغىپ ساقلاش ئاپپاراتلىرى پەيدىنپەي ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق مۇزېيلار بارلىققا كەلگەن. ئالايلۇق، فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ناپولېئوننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئەسلىدە پادىشاھنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى لۇف ئوردىسى جۇمھۇرىيەت مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن، پادىشاھنىڭ گۈللۈكى فرانسىيە تەبىئەت، تارىخ مۇزېيىغا ئۆزگەرتىلگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، سانائەت تېخنىكىسىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇئەييەن پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بەزى شەھەرلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سانائەت - ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى كۆرگەزمىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇ كۆرگەزمىلەر ئاساسىدا پەن - تېخنىكا مۇزېيلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. دۇنياغا داڭلىق گېرمانىيە پەن - تېخنىكا مۇزېيى دەل مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون - تېلېگراف كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە تەدرىجىي بارلىققا كەلگەن. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مۇزېيى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئەنگلىيىلىكلەر شاڭخەيدە سالغان ئاسىيا ۋېنخۇي مۇزېيى، فرانسىيىلىكلەر شاڭخەيدە قۇرغان جېندەن مۇزېيى ۋە تيەنجىندە قۇرغان بېيجياڭ مۇزېيى قاتارلىقلار. جۇڭگو ئۆزى قۇرغان تۇنجى مۇزېي چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئەلىيۇلئەلا جاڭ جيەن قۇرغان نەنتۇڭ مۇزېيىدۇر.20 - ئەسىر − مۇزېي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا، دۇنيا بويىچە ئاران7000 چە مۇزېي بار ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى؛1949 - يىلى ئېلىمىزدە ئاران21 مۇزېي بار ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ1000 غا يېقىنلىشىپ قالدى. مۇزېينىڭ يىغىپ ساقلاش، تەتقىق قىلىش ۋە كۆرگەزمە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىدارى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كۆرگەزمە قىلىش، يەنى مۇزېيدا يىغىپ ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەۋرىشكىلەرنى مۇۋاپىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ مۇئەييەن شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشىغا سۇنۇشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھازىر نۇرغۇن مۇزېيلار زامانىۋى ئۈن - سىن ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۈرلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ زىيارەت قىلغۇچىلارنى خۇددى شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە شۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلغاندەك تەسىراتقىمۇ كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. مۇزېيلارمۇ پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتىدۇر، تېخىمۇ مۇھىمى ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مۇھىم دەرسخانىدۇر.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
مۇزېي | UyghurWiki | UyghurWiki