ئامېرىكا ئىزدىنىش مۇزېيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان ئىزدىنىش مۇزېيىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىلىم - پەن مۇزېيى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى تاماشىبىنلار بۇ يەرگە قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۈستىدە قول سېلىپ «ئىزدىنىپ»، ئۇنىڭ قائىدە - قانۇنىيىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ.
مۇزېيدا بىر «سايە ساندۇقى» بار بولۇپ، ئۇ ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ سايىسىنى ئېلىپ قالالايدۇ. سايە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى تام قەغىزى نۇرنى سۈمۈرەلەيدىغان بولغاچقا، ئېكسكۇرسىيىچىلەر كۈچلۈك نۇر بىلەن تامنىڭ ئارىسىدا بىردەم توختاپ، ئاندىن ئۇ يەردىن ئايرىلسىلا، ئۇنىڭ سايىسى قىسقا ۋاقىت تامدا ساقلىنىپ قالىدۇ.
بۇ يەردە يەنە ئېكسكۇرسىيىچىلەر بىلەن ئاۋازسىز سۆزلىشەلەيدىغان بىر تۈپ «سېھىرلىك» دەرەخ بار. ئېكسكۇرسىيىچىلەر چاۋاك چېلىپ قويسا، ئىسقىرتسا ياكى توۋلاپ قويسا، دەرەختىكى رەڭلىك لامپۇچكىلار توختىماي نۇر چاقنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئەسلىدە، بۇ دەرەخ ئادەمنىڭ ئاۋازىنى كۆرگىلى بولىدىغان سىگنالغا ئايلاندۇرالايدىكەن.
مۇزېيدىكى يەنە بىر كۆرگەزمىخانىدا ئىككى ئادەم قۇلىقى ياكى بۇرنىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرالايدۇ. ئىككى ئادەم بىر دېرىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرسىلا، كۆرگۈ ئەينەك ئىقتىدارى بار بۇ دېرىزە بىر ئادەمنىڭ يۈزىنى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا قايتۇرىدۇ. ئەگەر چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياندۇرسا، ئىككى ئادەمنىڭ يۈزى ئوپمۇئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
ئېكسكۇرسىيىچىلەر «تېگىش سېزىمى كارىدورى» دەپ ئاتالغان يەنە بىر كۆرگەزمىخانىدىكى قاراڭغۇ تونېلغا كىرسە، تېگىش سېزىمىغا ئاساسەن، ئىسسىق، سوغۇق، سىلىق، قوپال، قاتتىق، يۇمشاق نەرسىلەرنى ھېس قىلالايدۇ.