UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىجۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى

جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانغان. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى1959 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ كوچىسى بىلەن «4 - ماي» كوچىسى كېسىشكەن يەرگە جايلاشقان. بۇ سارايدا كۆرگەزمە زالىدىن باشقا يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن «گۈزەل سەنئەتچىلەر ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان رەسىم ئىجادىيەتخانىسى ۋە سەنئەتچىلەر ئالماشتۇرۇش زالى بار. بۇلار مەخسۇس گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرەك قىلىشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك نەپىس گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلانغان. سارايدا جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، رەڭلىك تاش باسما رەسىم، ھەيكەل قاتارلىق ھەر خىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن10 مىڭدىن كۆپرەكى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندا ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق رەسساملاردىن رېن بونيەن، ۋۇ چاڭشۇ، چى بەيشى، خۇاڭ بىڭخۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى بار. بۇ سارايدا يەنە ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ۋە تاشقى مەدەنىيەت - سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە دائىم دېگۈدەك چەت ئەللەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، ئۇ جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالغان. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى يەنە جۇڭگو ئەلئارا گۈزەل سەنئەت مۇزېيى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە ۋاكالىتەن مەسئۇل بولۇپ، ھازىرغىچە20 مىڭدىن كۆپرەك ئەلئارا گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنى يىغىپ بولدى.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى | UyghurWiki | UyghurWiki