كېنىيە دۆلەتلىك مۇزېيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
شەرقىي ئافرىقىدىكى ئەڭ داڭلىق بۇ مۇزېي كېنىيىنىڭ پايتەختى نايروبى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كىچىك تاغ ئېدىرىغا جايلاشقان،1910 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ئەسلىدە شەرقىي ئافرىقا تەبىئەت، تارىخ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ يىغىپ ساقلاش ئورنى بولۇپ،1930 - يىلى قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. ئۇ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇيۇملارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈرلەرگە ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ خىل ئىلىم - پەن پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن شەرقىي ئافرىقىنىڭ جانلىقلارنى ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىق قىلىش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى مەركىزى بولۇپ قالغان.
مۇزېيدا20 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئورمانلىقتا ياشىغان ئادەمسىمان مايمۇنلار،14 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئادەمسىمان مامونت مايمۇنلار،3 ~4 مىليون يىل ئىلگىرى جەنۇبتا ياشىغان ئادەمسىمان مايمۇنلار،2 مىليون يىل ئىلگىرى ياشىغان شاتۇرلار،500 مىڭ يىلدىن1 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۆرە تۇرالايدىغان ئادەملەر ۋە200 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئادەملەر قاتارلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى بار. تاش غار تام رەسىملىرى كۆرگەزمىخانىسىدا بۇنىڭدىن تەخمىنەن29 مىڭ يىل ئىلگىرىكى بىر پارچە تام رەسىمى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى − توپ - توپ ئارقارلار، چېپىشىپ يۈرگەن ياۋا ئاتلار، پۈتۈنلەي ئۆرە تۇرالايدىغان بولغان ئادەملەرنىڭ ئورمانلىقتا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن. ئۇچارقاناتلار ۋە ھايۋانلار كۆرگەزمىخانىسىدىكى نەچچە ئون قاتار ئەينەك ئىشكاپتا900 خىلدىن ئارتۇق قۇشنىڭ ئەۋرىشكىسى قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېگىزلىكى4 .2 مېتىر، ئېغىرلىقى130 كىلوگرام كېلىدىغان تۆگىقۇش؛ دۇنياغا داڭلىق قىزىلقانات ۋە1977 - يىلى فىنلاندىيىدىن ئۇچۇپ21 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ كېنىيىگە كەلگەن قارلىغاچ بار. مۇزېيدا يەنە كېنىيىنىڭ پومورىيە ئۆلكىسىدىن قېزىۋېلىنغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە زەڭگەر فارفور قاچىلار ۋە باشقا فارفور بۇيۇملار بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى چېقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بۇيۇملاردىكى «بۈيۈك مىڭ سۇلالىسىنىڭ جياجىڭ يىللىرى ياسالدى»، «بۈيۈك چىڭ»، «ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، مال - دۇنيارىڭىز زىيادە بولغاي» دېگەندەك خەتلەرنى يەنىلا ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇزېيدا تۈرلۈك بېلىق ۋە قۇرت - قوڭغۇزلار (جۈملىدىن كېپىنەك ۋە پەرۋانە تۈرىدىكىلەر) نىڭ ئەۋرىشكىسى ھەمدە رەسسام جوي ئادامسون سىزغان كېنىيىنىڭ قەبىلە تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، گۈل - گىياھ رەسىملىرى، شۇنداقلا كېنىيە قەبىلىلىرى ئىشلەتكەن قورال - ياراغ، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى بار.