خىلمۇخىل مۇزېيلار
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
بەزى دۆلەتلەردە خىلمۇخىل بايلىق ۋە مەھسۇلات مۇزېيلىرى بار. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىكى كۆمۈرچىلىك مۇزېيى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدې بازىرىدىكى فار - فور بۇيۇملار مۇزېيى، گېرمانىيىنىڭ ئۇلم شەھىرىدىكى بولكا مۇزېيى، پولشانىڭ بالىسكېبر شەھىرىدىكى پىۋا مۇزېيى، لىچتېنشتېيننىڭ پايتەختى ۋادۇزدىكى پوچتا مۇزېيى قاتارلىقلار مۇشۇ خىلدىكى مۇزېيلار قاتارىغا كىرىدۇ.
پەن - تېخنىكا كەشپىياتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تارىخىنى تونۇشتۇرىدىغان مۇزېيلار تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن، پاراۋوزنى كەشىپ قىلغان ستۋېنسوننىڭ يۇرتى − ئەنگلىيە دارلىڭتوندىكى تۆمۈريول مۇزېيىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى پاراۋوز − «ساياھەت» ناملىق پاراۋوز ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئېلىمىزدە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جياڭجياڭ ناھىيىسىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قەغىزى مۇزېيىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدىن بۇيان سەي لۇننىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان قەغەزلەرگە دائىر2000 پارچىغا يېقىن ماتېرىيال ساقلانماقتا. گېرمانىيىنىڭ ئاشېن شەھىرىدىكى گېزىت - ژۇرنال مۇزېيىدا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ16 - ئەسىردە نەشر قىلغان ئاساسلىق گېزىت - ژۇرناللىرى ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ماركس باش مۇھەررىرلىك قىلغان «يېڭى رېين گېزىتى» بار، ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قەرەللىك نەشر قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن گېزىت - ژۇرنالنى بۇ مۇزېيدىن تاپقىلى بولىدۇ.
ئەڭ ئۆزگىچە بولغىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەربىي كىيىم - كېچەك مۇزېيى بولۇپ، بۇ يەردە14 - ئەسىردىن ھازىرغىچە بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەربىيلەر كىيگەن كىيىم - كېچەكلەر ۋە تارىختىكى رۇس پادىشاھلىرى ۋە قوماندان - سەركەردىلىرى كىيگەن مۇراسىم كىيىملىرى،50 نەچچە دۆلەتنىڭ1000 دىن ئارتۇق ھەربىي ئوردېن - مېدالى ساقلانغان. ياپونىيىدىكى ئادەم بەدىنى مۇزېيىنىڭ بىناسى ئادەم بەدىنى شەكلىدە بولۇپ، ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئادەمنىڭ ئېغىزى شەكىللىك كىرىش ئېغىزىدىن كىرىپ، «بەدەن ئىچى» دە بىر ئايلىنىپ، ئاخىردا «مەقئەت» تىن چىقىپ كېتىدۇ. كانادادىكى ھەجۋىي رەسىم مۇزېيىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ75 مىڭ پارچە ھەجۋىي رەسىمى ساقلانغان. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ زىگۇڭ شەھىرىدىكى دىنوزاۋر مۇزېيىدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاشمايدىغان، تەقى - تۇرقى ھەر خىل يەتتە دىنوزاۋرنىڭ تاش قاتمىسى تىزىپ قويۇلغان. ئاۋسترىيىدىكى بىخەستەلىك مۇزېيىدا زاۋۇتلاردا يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقەلەر، قاتناش ۋەقەسىگە دائىر خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەر كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا بىخەستەلىك قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. فرانسىيىدىكى مىكرو ئائىلە جاھازلىرى مۇزېيى بىر ئېغىزلىق سىرلىق ۋە ھەشەمەتلىك ياتاق ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭغا كىتابچىلىك كېلىدىغان يېزىق ئۈستىلى، يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى كىيىم ئىشكاپى، قەلەمچىلىك كېلىدىغان ساپا ۋە فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئىشلەتكەن خىلمۇخىل كىچىك ئائىلە جاھازلىرى قويۇلغان. سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە جازا لاگېرى مۇزېيى ئىلگىرى فاشىستلار بىگۇناھ ئاممىنى ۋە تىنچلىق جەڭچىلىرىنى قىرغىن قىلغان بوخېنىۋارد جازا لاگېرىنىڭ خارابىسى بولۇپ، بۇ مۇزېيدا ئەمەلىي بۇيۇم ۋە ئىزنالار ئارقىلىق فاشىستلارنىڭ زوراۋانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان.