UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىمۇزېينىڭ تۆت خىل تۈرى

مۇزېينىڭ تۆت خىل تۈرى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى دۇنيادىكى مۇزېيلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇلارنى مەزمۇنىغا ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن ئىجتىمائىي، تارىخىي مۇزېي، مەدەنىيەت - سەنئەت مۇزېيى، تەبىئىي پەنلەر مۇزېيى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇزېيدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئىجتىمائىي، تارىخىي مۇزېيلاردا ئاساسلىقى ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى تەتقىق قىلىنىدۇ، تارىختىكى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق مۇزېيلارنىڭ بەزىلىرى دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ ياكى بىرەر دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ، بەزىلىرى بىرەر جايغا ياكى بىرەر مىللەتكە تەۋە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى مەخسۇس خاراكتېرلىك بولىدۇ. مەسىلەن، ئەنگلىيە بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيى دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە؛ جۇڭگو تارىخ مۇزېيى مەملىكەت خاراكتېرىگە ئىگە؛ ھامبۇرگ تارىخ مۇزېيى، تيەنجىن تارىخ مۇزېيى يەرلىك خاراكتېرگە ئىگە؛ جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يەرلىك خاراكتېرگىمۇ، مىللىي خاراكتېرگىمۇ ئىگە؛ جۇڭگو ھەربىي ئىشلار مۇزېيى مەخسۇس خاراكتېرگە ئىگە. مەخسۇس تارىخ مۇزېيىلىرى ئىچىدە يەنە تارىختىكى مۇھىم ۋەقەلەر ياكى شەخسلەر ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغانلىرى بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خارابىلىك مۇزېيى. مەسىلەن، دارۋىننىڭ ئەنگلىيىدىكى كونا تۇرالغۇسى، ماركسنىڭ گېرمانىيىدىكى كونا تۇرالغۇسى، جۇڭگونىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى دۇفۇ ساۋتاڭ ۋە شىئەن بەنپو خارابىلىكى مۇزېيى قاتارلىقلار. مەدەنىيەت - سەنئەت تۈرىدىكى مۇزېيلار رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، ھۈنەر - سەنئەت، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو دېگەندەك ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا چوڭ شەھەر سەنئەت مۇزېيى، جۇڭگو سەنئەت سارىيى قاتارلىقلار. بەزى مۇزېيلارنىڭ ئورنى ئەسلىدىنلا دۇنياغا داڭلىق قەدىمكى ئىمارەتلەردۇر. مەسىلەن، فرانسىيىدىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى، جۇڭگو خان ئوردىسى (گۇگۇڭ) مۇزېيى قاتارلىقلار. تەبىئىي پەنلەر مۇزېيىدا ئاساسلىقى تەبىئەت ۋە ئىنسانلارغا دائىر بىلىملەر، تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىش ۋە قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇ تەبىئەت تۈرى ۋە پەن - تېخنىكا تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئامېرىكا تەبىئەت، تارىخ مۇزېيى، بېيجىڭ تەبىئەت مۇزېيى ئادەتتىكى تەبىئەت مۇزېيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە گرېنىۋىچ ئاسترونومىيە مۇزېيى، بېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيى قاتارلىقلار مەخسۇس خاراكتېرلىك مۇزېي ھېسابلىنىدۇ. يەنە ھايۋانات باغچىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ياكى دۆلەت باغچىسى قاتارلىقلارمۇ تەبىئەت مۇزېيىنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. پەن - تېخنىكا تۈرىدىكى مۇزېيلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئۇل نەزەرىيە پەنلىرى ۋە بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق، سۇچىلىق، ترانسپورت، ئېلېكترون، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق مۇزېيلاردا كىشىلەر كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىشىغا، بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگىلىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيە پەن - تېخنىكا مۇزېيى، فرانسىيە بايقاش قەسىرى، ئەنگلىيە يورك تۆمۈريول مۇزېيى قاتارلىقلار. ئۇنىۋېرسال مۇزېينىڭ مەزمۇنى كۆپ تەرەپلىك بولىدۇ. مەسىلەن، بەزى يەرلىك مۇزېيلار مەيلى يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار بولسۇن، مەيلى تەتقىقات دائىرىسى بولسۇن ۋە مەيلى كۆرگەزمە قىلغان بۇيۇملىرى بولسۇن، ھەم ئىجتىمائىي، تارىخىي جەھەتلەردىكىسى بولىدۇ، ھەم مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تەبىئىي پەن جەھەتتىكىلىرى بولىدۇ. جيۇلۇڭ باغچىسىغا جايلاشقان شياڭگاڭ مۇزېيىدا مىس قوراللار ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو - چەت ئەل سودا كېمىلىرىنىڭ مودېلى، كونا پاسوندىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن نۇسخىسى، بۇرۇنقى گېزىت - ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەر، نۇرغۇن يەرلىك دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە كۈندىلىك بۇيۇم قاتارلىقلار بار. بۇ ماددىي بۇيۇملاردىن شياڭگاڭنىڭ بېلىقچىلىق رايونىدىن زامانىۋى خەلقئارا سودا پورتىغا تەرەققىي قىلغانلىقىدەك تارىخىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جىلىن ئۆلكىلىك مۇزېيدا مەزكۇر ئۆلكىنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى، تەبىئىي بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالى ۋە تارىختىكى تېخنولوگىيە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنى مول بىلىم ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
مۇزېينىڭ تۆت خىل تۈرى | UyghurWiki | UyghurWiki