UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىبېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيى

بېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى بېيجىڭدىكى شىسىغا جايلاشقان بېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيى يەر شارى ئىلمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، گېئولوگىيە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك گېئولوگىيە ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان، گېئولوگىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە گېئولوگىيە پەن - تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سورۇن بولۇپ،1959 - يىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. قېزىلما بايلىقلار كۆرگەزمىخانىسىغا ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ مول، رەڭدار قېزىلما مەھسۇلاتلىرى قويۇلغان. بۇ يەردە قېزىلما بايلىقلارغا دائىر ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولغىلى، خىلمۇخىل قېزىلما بايلىق ئەۋرىشكىلىرىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. يەر شارى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى، يەر شارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە يەر يۈزى ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى مۇزلۇق، يەر ئاستى سۈيىنىڭ تېشىپ ئېقىشىدىن شەكىللەنگەن «تاش ئورمان» ۋە ئۆڭكۈر، بەش چوڭ تۇتاش كۆلنى ھاسىل قىلغان يانار تاغ توپى قاتارلىقلار. قەدىمكى جانلىقلار، يەر قاتلىمى كۆرگەزمىخانىسىغا گېئولوگىيە دەۋرىنىڭ تەرتىپى بويىچە، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گېئولوگىيە دەۋرىگە ئائىت ئۆلچەملىك تاش قاتمىلار قويۇلغان. قەدىمكى جانلىقلارنىڭ بۇ تاش قاتمىلىرى يەر شارىدا ھاياتلىق پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىشەنچلىك دەلىل - ئىسپات ھېسابلىنىدۇ. مىنېراللار، تاغ جىنسلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا، مېنىراللارنىڭ كرىستاللىشىشى، تاشقى شەكلى، جۇغراپىيىلىك، خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈچ چوڭ تاغ جىنسلىرى تۈركۈمىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كانلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا ئاساسلىقى تۈرلۈك كان مىساللىرى ئارقىلىق ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق مىنېراللارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى گېئولوگىيىلىك شەرت - شارائىت، كانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارقىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان. مۇزېيدا يەنە قاشتېشى، ياقۇت كۆرگەزمىخانىسى بار بولۇپ، بۇ يەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان برىليانت، قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇت، رەڭدار، نۇرلۇق مۈشۈككۆز، زەيتۇن تاش، زۇمرەت، تاشقا ئايلانغان ياغاچ، خوتەننىڭ بىباھا قاشتېشى، شەنشىنىڭ كۆك قاشتېشى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ يەرگە كىرگەن ئادەم ئۆزىنى خۇددى «ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى» دېگەن چۆچەكتىكى سىرلىق خەزىنىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
بېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيى | UyghurWiki | UyghurWiki