نيۇ يورك تەبىئەت تارىخى مۇزېيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
بۇ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدۇر. ئۇ نيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتان رايونىغا جايلاشقان،1869 - يىلى قۇرۇلغان. مۇزېيدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئاسترونومىيە، مىنېرال ماددىلار، ئىنسانلار، قەدىمكى جانلىقلار ۋە ھازىرقى زامان جانلىقلىرىدىن ئىبارەت بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇزېينىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا نۇرغۇن تاش قاتما ۋە دىنوزاۋر، ھايۋانات، قۇشلار، ئىندىئانلار ۋە ئېسكىموسلارنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مودېللىرى بار. مۇزېيدا ساقلانغان گۆھەر - ياقۇت، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار ۋە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ئەۋرىشكىلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك. ئاسترونومىيە سارىيىدىن باشقا يەنە58 كۆرگەزمە زالى بار.
مۇزېينىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىلا روزۋېلت خاتىرە زالى كۆزگە چېلىقىدۇ، بۇ زالغا ئامېرىكىنىڭ26 - قېتىملىق زۇڭتۇڭى − ئوۋچى روزۋېلتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «تېئودور روزۋېلت زالى» دەپ نام قويۇلغان. بۇ زالدىن ئۆتكەندىن كېيىنكىسى شىمالىي ئامېرىكا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار كۆرگەزمە زالى بولۇپ، زالغا نۇرغۇن ھايۋانات ئەۋرىشكىسى قويۇلغان. ئۇنىڭغا تەبىئەت ئارقا كۆرۈنۈشى يانداشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەمگە چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. شۇ قەۋەتتە يەنە شىمالىي ئامېرىكا ئورمان زالى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى شىمالىي ئامېرىكىدىكى داڭلىق12 ئورمانلىقنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىنىپ ئىش قوشۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا يەنە ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ئاۋازلىرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى راستتەكلا ئاڭلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋارپاۋ خاتىرە زالىدا دەل - دەرەخلەر ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر كۆرگەزمە قىلىنغان، ئاچىلل خاتىرە زالىدا ئافرىقىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار كۆرگەزمە قىلىنغان. چاپمان خاتىرە زالىدا ئالياسكا ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە قۇشلار كۆرگەزمە قىلىنغان. دىنوزاۋر زالىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دىنوزاۋرنىڭ تاش قاتمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ دىنوزاۋرنىڭ ئۇزۇنلۇقى21 مېتىر، ئېگىزلىكى6 مېتىر كېلىدۇ. مۇزېيغا قويۇلغان ئۇزۇنلۇقى33 مېتىر، ئېغىرلىقى150 توننا كېلىدىغان كۆك لەھەڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ مودېلى ياسالغاندىن كېيىنمۇ، مودېلنىڭ ئۆزىلا5 .10 توننا كەلگەن. بىر ھۈجەيرىلىك ئىپتىدائىي مىكرو جانلىقلارنىڭ مودېلى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان سۈزۈك ئەينەك ئارقىلىق ياسالغان. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىچىدە قۇشلارنىڭ ئەۋرىشكىسىلا1 مىليوندىن ئاشىدۇ. تاشقا ئايلانغان ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسى ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل بولغان قۇرۇقلۇقتىكى گۆشخور ھايۋان تىراننوزاۋرنىڭ ئىسكىلىتى بار. مىنېرال ماددىلار ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمىخانىسىدا دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان، ئېغىرلىقى563 كاراتلا كېلىدىغان كۆك ياقۇت بار. ئاسترونومىيە سارىيىدا يەنە دۇنياغا داڭلىق مېتېئورىتلار (ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى34 توننا كېلىدۇ) كۆرگەزمە قىلىنغان.
مۇزېيدا ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاسترونومىيە بۆلۈمى قاتارلىق12 بۆلۈم تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ تەجرىبىخانىسى بار.