UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىبېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى

بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى ئېلىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ھايۋانات باغچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خان جەمەتىنىڭ قورۇقى بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خان جەمەتىنىڭ خۇسۇسىي باغچىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، «سەنبېيزى» گۈلبېغى دەپ ئاتالغان.1908 - يىلى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەندە، ھايۋانات باغچىسى دەپ ئاتالغان. بۇ باغچىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھايۋانلىرى پۈتۈنلەي گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن، بۇنىڭغا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سىشى تەيخۇ بىلەن گۇاڭشۈي خان بۇ باغچىغا بىرلا قېتىم كېلىپ باققان. بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسىدا بېقىلىۋاتقان ۋە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ھايۋانلار600 خىلدىن، قىممەتلىك قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ سانى7000 دىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگونىڭ بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەردىن كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك ھايۋانلارمۇ بار. بۇ يەردە جۇڭگودىن چىقىدىغان مۈشۈكئېيىق، ئالتۇن ياللىق مايمۇن، شەرقىي شىمال يولۋىسى، ئاق تۇمشۇقلۇق بۇغا، قانداغاي، قىزىل قاشقا تۇرنا؛ جەنۇبىي قۇتۇپتا ياشايدىغان پىنگۋىن، شىمالىي قۇتۇپتا ياشايدىغان ئاق ئېيىق، ئوكيانىيىدە ياشايدىغان كېنگۇرۇ، ئافرىقىدا ياشايدىغان بېگىموت؛ يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان زىراپە ۋە ئەڭ ئەقىللىق ھايۋان ئورانگۇتان بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چەت ئەل رەھبەرلىرى سوۋغا قىلغان ھايۋانلارمۇ بار. مەسىلەن، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىمىن، بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ نەيۋېن، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرۇ ۋە سرىلانكا زۇڭلىسى باندىرانايك سوۋغا قىلغان ئاسىيا پىلى، نېپال پادىشاھى سوۋغا قىلغان بىر مۈڭگۈزلۈك ھىندىستان كەركىدانى، ئېفىئوپىيە پادىشاھى سوۋغا قىلغان شىر، مېكسىكا زۇڭتۇڭى سوۋغا قىلغان دېڭىز كالىسى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نېكسون سوۋغا قىلغان ئىپار كالا قاتارلىقلار. بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى ھەر يىلى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك نەچچە تۈمەن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇ ھازىر ئېلىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋانات باغچىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ داڭلىق ھايۋانات باغچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسى | UyghurWiki | UyghurWiki