UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىزىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيى

زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى زىگۇڭ شەھىرىنىڭ يەر ئاستىدا مول تۇز دۇغى ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا كىشىلەر بۇ يەردە قۇدۇق قېزىپ كۆمۈر ئالغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. زىگۇڭ شەھىرى تۇزچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى بىلەن »تۇز شەھىرى« دەپ ئاتالغان. زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيىدا ئەمەلىي ماتېرىياللار ئارقىلىق سىچۇەن تۇزچىلىقىنىڭ ئۇزاق تارىخى نامايان قىلىنىپ، مول، ئىلغار بولغان قۇدۇق تۇزى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.1983 - يىلى7 - ئايدا لوندوندا چاقىرىلغان خەلقئارا مۇزېي جەمئىيىتى يىغىنىدا، جۇڭگو ۋەكىللىرى زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيىنى ئېلىمىزنىڭ ۋەكىللىك مۇزېيى سۈپىتىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرغان. زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيى1959 - يىلى قۇرۇلغان، مۇزېيغا تۇز قۇدۇقى قېزىشقا ئىشلىتىلگەن بىرمۇنچە سايمانلار قويۇلغان ھەمدە دەۋرلەردىن بۇيانقى قۇدۇق تۇزى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تونۇشتۇرۇلغان. ئېلىمىزدە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا كىشىلەر جوتۇ قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق چوڭقۇر قۇدۇق قېزىپ تۇز ئالغان بولۇپ، قۇدۇقنىڭ ئېغىزى ئاران تاماق قاچىسىچىلىك كېلىدۇ، ئەمما چوڭقۇرلۇقى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىدۇ. ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ زېنلى ئەپەندى «جۇڭگو پەن - تېخنىكا تارىخى» دېگەن كىتابىدا، جۇڭگودىن ياۋروپاغا تارقالغان20 نەچچە تۈرلۈك چوڭ كەشپىياتنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى چوڭقۇر قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسىدۇر. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن، قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، ھۈنەرۋەن - كاسىپلار قۇدۇق قازىدىغان، قۇدۇقنى ئوڭشايدىغان نۇرغۇن سايمان - ئەسۋابلارنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار پۇختا ھاك تاش قەۋەتلىرىنى ئىنتايىن چوڭقۇر كولىغان، قۇدۇق گەۋدىسىنىڭ تىك بولۇشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلغان، شۇنداقلا قۇدۇقلارنىڭ يانتۇ بولۇپ قالغان، تېشىلىپ كەتكەن يەرلىرىنى ۋە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن قۇدۇقلارنى ئەپچىللىك بىلەن ئوڭشىغان.1935 - يىلى قېزىلغان شىڭخەي قۇدۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى1001 مېتىر بولۇپ، ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق ھېسابلىناتتى، بۇ قۇدۇق قازغۇچىلار200 نەچچە مىليون يىل ئىلگىرىكى جيالىڭجياڭ ھاك تېشى قەۋىتىنى تۇنجى بولۇپ تەشكەن. ئەينى چاغدىكى ئاسما كران، قۇدۇق جاھازىلىرى150 يىللىق بوران - چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تاكى ھازىرغا قەدەر بۇرۇنقى ئورنىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ئۇلار زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيىدىكى نەق مەيدان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
زىگۇڭ تۇزچىلىق تارىخى مۇزېيى | UyghurWiki | UyghurWiki