UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىميۇنخېن پەن - تېخنىكا مۇزېيى

ميۇنخېن پەن - تېخنىكا مۇزېيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى بۇ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي پەنلەر، پەن - تېخنىكا مۇزېيى بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ئەتراپىدىكى دەريا ئارىلىغا جايلاشقان.80 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ مۇزېينىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى50 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېكسكۇرسىيە لىنىيىسى16 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆرگەزمە مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، خۇددى بىر پارچە پەن - تېخنىكا «ئېنسىكلوپېدىيە» گە ئوخشايدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ بىخ ھالىتىدىن پىشىپ يېتىلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي جەريانىنى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق نامايان قىلىش بۇ مۇزېينىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مىسالغا ئالساق، بۇ يەرگە ئىپتىدائىي ئادەم كۈچى، ھايۋان كۈچى، شامال كۈچى، سۇ كۈچى ماشىنىسىدىن تارتىپ پار ماشىنىسى، سۇ تۇرۇبىسى، گېنېراتور، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچكە دائىر بىر قاتار ماشىنا - سايمانلار قويۇلغان. كۆرگەزمە قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ئىپتىدائىي چانا، چاپما قېيىق ۋە ھەر خىل چارۋا - مال ھارۋىلىرىدىن تارتىپ ماتورلۇق ئاپتوموبىل، ماتورلۇق يەلكەنلىك كېمىگىچە، ھەتتا يېڭى تىپتىكى پاراخوت ۋە ئايروخوتقىچە بار. ئۇچۇش قوراللىرى ئىچىدە ئۇچار قۇشلارغا تەقلىد قىلىنغان لەگلەكتىن تارتىپ شار، پلانېر، دىرىژابىلغىچە، ئاندىن بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان چاقپەلەكلىك ئايروپىلان، ئەڭ يېڭى تىپتىكى رېئاكتىپ ئايروپىلان، ئالەم كېمىسى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان. قازمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا دائىر كۆرگەزمىدە تەقلىدىي كۆمۈر كاننىڭ خاڭ يولىدا سۇلياۋدىن ياسالغان ئادەمنىڭ ئىپتىدائىي كۆمۈر قېزىش ئۇسۇلىدىن تارتىپ ئەڭ يېڭى زامانىۋى كۆمۈر قېزىش ماشىنىسىغىچە بار. مۇزېيدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدا ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى پەن - تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئوبرازلىق ۋە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ. بۇ مۇزېينىڭ كۆرگەزمە قىلىش ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى ئۆزى قول سېلىپ ھەر خىل تەقلىدىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ مۇزېيدا كۇنۇپكا ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇمى4000 دىن ئارتۇق بولغاچقا، ئۇ «كۇنۇپكىلىق مۇزېي» دەپمۇ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى
ميۇنخېن پەن - تېخنىكا مۇزېيى | UyghurWiki | UyghurWiki