UyghurWiki
UyghurWikiمۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرىبېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى

بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى

مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى ئەنگلىيە بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيى، فرانسىيە لۇف سارىيى، ئامېرىكا چوڭ شەھەر رايونى مۇزېيىغا ئوخشاشلا دۇنياغا داڭلىق. ئۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ18 - يىلى (1420- يىلى) ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزۈلگەن، بۇرۇن زىجىنچېڭ دەپ ئاتالغان، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدىكى24 پادىشاھنىڭ ئوردىسى بولغان. شىنخەي ئىنقىلابىدا پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەر بارا - بارا ئاممىنى كۈتۈۋالىدىغان مۇزېي قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن. بېيجىڭ خان ئوردىسى مۇزېيى ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ھەيۋەتلىك ئوردا - سارايلىرى ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تارىخىي سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا چوڭ - كىچىك ئوردا - سارايدىن70 نەچچىسى، ھەر خىل ئۆيدىن9000 نەچچە ئېغىزى بار. قورشاۋ تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى3 كىلومېتىر بولۇپ، تۆت بۇلۇڭدا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان پوتەيلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تام سىرتىنى شەھەرنى قوغداپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ ئوراپ تۇرىدۇ. بۇلار ئوردا - سارايلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئىشىك - دەرۋازىلىرى سۈرلۈك شەھەر قورغىنىنى شەكىللەندۈرگەن. خان ئوردىسىدىكى ئىمارەتلەر تاشقىرىقى ئوردا ۋە ئىچكەركى ئوردا دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. تاشقىرىقى ئوردا تەيخې، جۇڭخې، باۋخېدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قەسىردىن تەركىب تاپقان، ئۇ پادىشاھلارنىڭ چوڭ - چوڭ مۇراسىملار ئۆتكۈزىدىغان، ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئاساسلىق سورۇنى بولغان. ئىچكەركى ئوردا چيەنچىڭ ئوردىسى، جياۋتەي قەسىرى، كۇننىڭگۇڭ قەسىرى، شەرقتىكى ئالتە ئوردا ۋە غەربتىكى ئالتە ئوردا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پادىشاھلارنىڭ دۆلەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە پادىشاھنىڭ خانىش - توقاللىرى، بالىلىرى يېتىپ - قوپىدىغان، سەيلە - ساياھەت قىلىدىغان يېرى بولغان. بېيجىڭ خان ئوردىسى مۇزېيىدا يىغىپ ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى900 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدە، ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ خانىشلىرى ئىشلەتكەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە پادىشاھلىقلارنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار، تارىختىكى قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ئەينى چاغدىكى شەرقتىكى ئالتە ئوردا ھازىر «تارىختىكى سەنئەت بۇيۇملىرى»، «رەسىم ئەسەرلىرى»، «مىس قوراللار»، «فارفور بۇيۇملار»، «قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق بۇيۇملار»، «سائەتلەر» قاتارلىق مەخسۇس كۆرگەزمىخانىلاردۇر. «تارىختىكى سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىخانىسى» دا بۇنىڭدىن6000 يىل ئىلگىرىكى رەڭلىك فارفور بۇيۇملار؛ شاڭ سۇلالىسى، جۇ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى مىس قوراللار؛ يېغىلىق دەۋرىدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق بۇيۇملىرى ۋە ھەر خىل رەڭدە سىرلانغان بۇيۇملار؛ چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى ساپالدىن ياسالغان ھەيكەل، ساپالدىن ياسالغان ئات، تام رەسىمى، رەسىملىك خىش - كاھىش؛ ئۈچ پادىشاھلىق، ئىككى جىن سۇلالىسى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدىكى ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى؛ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى دىنىي مەزمۇندىكى ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى؛ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىگە تەۋە فارفور، ساپال بۇيۇملىرى ۋە يېزىش سايمانلىرى قاتارلىقلار بار. «رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىخانىسى» دا، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە رەسساملارنىڭ داڭلىق ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى نۆۋەت بىلەن كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. «قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق بۇيۇملار كۆرگەزمىخانىسى» دا960 جىڭ ئالتۇندىن ياسالغان قاتار قوڭغۇراق بار؛ يەنە پادىشاھ چيەنلۇڭ مەخسۇس ئانىسى چېچىنى تارىغاندا چۈشكەن چاچلارنى ساقلاش ئۈچۈن215 جىڭ ئالتۇن سەرپ قىلىپ ياساتقان «فاتا» بار. ئېغىرلىقى تەخمىنەن بەش توننا كېلىدىغان قاشتېشى ئويمىچىلىق بۇيۇمىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا شيا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى دايۈينىڭ كەلكۈننى تىزگىنلىگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە ئويۇلغان. «سائەتلەر كۆرگەزمىخانىسى» دا ئېلىمىزدە ۋە ياۋروپادا ئىشلەنگەن ھەر خىل نەپىس، ئۆزگىچە سائەتلەر بار. بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەربىر ئېكسكۇرسىيىچىگە مول سەنئەت تەسىراتى ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسى ئاتا قىلىدۇ. خان سارىيىغا كىرىپ باقمىغان جۇڭگولۇقلارنى بېيجىڭغا كېلىپ باققان دېگىلى بولمايدۇ؛ خان سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ باقمىغان چەت ئەللىكلەرنىمۇ جۇڭگوغا كېلىپ باققان دېگىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار مۇزېي ۋە مەدەنىيەت ساراقلىرى