ۋاشىنگتون ئالەم بوشلۇقى مۇزېيى
مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سارايلىرى
بۇ مۇزېي ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بولۇپ، ئالەم - ئاۋىئاتسىيە بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق. بۇ يەردە1876 - يىلىدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياسالغان ھەر خىل لەگلەك، شار، ئايروپىلان، ئۇچۇش سايمانلىرىنىڭ مودېللىرى، ئۇچۇش ئۈسكۈنە - ئەسۋابلىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن300 ئايروپىلان،100 خىلدىن ئارتۇق ئۇچۇش قوراللىرى (ئادەملىك ئۇچار كېمە، سۈنئىي ھەمراھ، يۇلتۇزلار ئارا زوند)،50 تىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا،400 دىن ئارتۇق ئاۋىئاتسىيە گېنېراتورى،350 دانە پىرقىرىغۇچ ۋە ھەر خىل ليۇتچىكلار كىيىمى، ئوردېن، ئەسۋاب - سايمانلار، ئالەم - ئاۋىئاتسىيىسىگە دائىر گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىقلار بار.
بىرىنچى قەۋەتتىكى كۆرگەزمە زالىنىڭ تورۇسىغا يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىكى ھەر خىل ئۇچۇش سايمانلىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. كۆرگەزمە زالىنىڭ ھەممىدىن بەك كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئادەمنىڭ ھەيدىشى بىلەن ئۇچۇرۇلغان ياغاچ ئايروپىلان قويۇلغان، ئايروپىلاننىڭ «قەدىمكى ئەجدادى» بولغان بۇ ياغاچ ئايروپىلاننىڭ يېنىغا ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن «ئاپوللو11 - نومۇرلۇق» ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا چىقىش بۆلمىسى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدىن يەر شارىغا قايتىشىدا ئولتۇرغان «كولومبىيە» ماركىلىق ئالەم كېمىسىنىڭ قوماندانلىق بۆلمىسى ۋە ئاي شارىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ ئەۋرىشكىلىرى قويۇلغان. ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇچۇش سايمانلىرىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ يەردە يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ياسىغان، جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى «2−V» تىپلىق سىنارەد، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قويۇپ بەرگەن تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ كۆپەيتىلگەن مودېلىنى كۆرەلەيدۇ. ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئۆچىرەت بويىچە كېمە يان شوتىسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئالەم تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، ھەر خىل ئەسۋاب - سايمانلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەجرىبىخانىدا چۈشكەن خىزمەت ۋە تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق مول، رەڭدار ئالەم بوشلۇقى تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئىككىنچى قەۋەتتىكى كۆرگەزمە زالىدا ئېينىشتېيننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «ئالەم بوشلۇقى سارىيى» بار بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە زامانىۋى ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىش زالىدۇر. ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان تۈرلۈك ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى خۇددى يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسماندا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى بىلىۋالالايدۇ.