UyghurWiki
UyghurWikiمولېكۇلا بىلىملىرىئاقسىل

ئاقسىل

مولېكۇلا بىلىملىرى ئاقسىل بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاقسىل بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. توخۇ تۇخۇمىدىكى تۇخۇم ئاقسىلى ئاقسىلنىڭ بىر خىلىدۇر. كالا گۆشى، قوينىڭ قېنى، تەرخەمەك، سويا پۇرچاق، ئۇن، كۈنجۈت قىيامى، ھەتتا جياڭيۇلاردىمۇ ئوخشىمىغان مىقداردا ئاقسىل بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدە ئاز، ھايۋانلارنىڭ تېنىدە كۆپ بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالار، مۇسكۇللار، قان، تېرە، ئىسكىلىت ۋە چاچ - تۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاقسىل بولىدۇ. ئەگەر بەدەن ئىچىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىلسە، قېپقالغان قىسىمنىڭ %45 ى ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ. ئاقسىلنىڭ مىقدارى يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھەربىر كىشىنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىلنىڭ ئاز - كۆپلۈكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى قىلىنغان. ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتا بار. تەركىبىدە بۇ سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتا بولغان ئاقسىل تولۇق ئاقسىل دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق بولمىغاندا چالا ئاقسىل بولىدۇ. ئازوت ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر، بىراق شېكەر ۋە ياغنىڭ تەركىبىدە ئازوت بولمىغاچقا، ئاقسىل يەنىلا ئادەم بەدىنىدىكى ئازوتنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسىلدا خىلمۇخىل ئامىنو كىسلاتالار مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە ئارقىمۇئارقا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئارقىمۇئارقا تۇتاشقان ئامىنو كىسلاتالار خۇددى زەنجىرگە ئوخشاش مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە قاتلىنىپ ۋە يۆگىشىپ، يەنە قاتلىنىپ، يەنە يۆگىشىپ، ئوخشاشمىغان شەكىللەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىلىرى بىرقانچە تال «زەنجىر» نىڭ ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەچكە، ناھايىتى يوغان ھەم ئۇزۇن بولىدۇ؛ بەزىلىرى بولسا بەكمۇ ئىنچىكە ھەم كىچىك بولىدۇ. بۇلارنىڭ مۇنداق بولۇشىنى ئۇلارنىڭ ئورگانىزم ئىچىدىكى ئوخشمىغان «مەجبۇرىيىتى» بەلگىلەيدۇ. يۈرەك سوقۇۋاتقاندا يۈرەك مۇسكۇل ئاقسىلى تارىيىپ ۋە كېڭىيىپ تۇرىدۇ؛ قان تومۇردىكى ھېموگلوبىن ئوكسىگېننى ئېھتىياجلىق يەرلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ئاقسىل ھۈجەيرە ئىچى - سىرتىدىكى ماددىلارنى ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان؛ ئاشقازاندا بولسا جانلىقلار ھەزىم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بەزى ئاقسىللار (مەسىلەن، بەزى ئېنزىملار)نى چىقىرىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ پارچىلاشقا ياردەملىشىپ، سۈمۈرۈلىدىغان ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاقسىللار يەنە جانلىقلار تېنىدىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى يوقىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. ئاقسىللارنىڭ يەنە جانلىقلارنىڭ ئىرسىيىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئەستە ساقلىشى، تونۇپ پەرقلەندۈرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولى بار. بەزى ئاقسىللار پەقەت باشقا ماددىلار بىلەن بىرىككەندىلا ئاندىن مەلۇم ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدۇ. بۇنداق ئاقسىللار كومپلېكس ئاقسىللار (بىرىكمە ئاقسىللار) دېيىلىپ، ئۇلارنى ئايرىم ئايرىپ چىقىش ناھايىتى تەس. مەسىلەن، شېكەر بىلەن بىرىككەن شېكەر ئاقسىلى، يادرو كىسلاتا بىلەن بىرىككەن يادرو ئاقسىلى، ياغلار بىلەن بىرىككەن ياغ ئاقسىلى قاتارلىقلار. پەن - تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئوخشاشمىغان ئاقسىللارنى ئايرىيالايدىغان، ھەتتا ئاكتىپلىققا ئىگە بەزى ئاقسىللارنى سۈنئىي سىنتېزلاپ، ھاياتلىق سىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاچالايدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار مولېكۇلا بىلىملىرى
ئاقسىل | UyghurWiki | UyghurWiki