UyghurWiki
UyghurWikiمولېكۇلا بىلىملىرىئېنزىم

ئېنزىم

مولېكۇلا بىلىملىرى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى، ئاقسىللارنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشى، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىلەرنىڭ كونترول قىلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى، شۇنىڭدەك ھاياتلىقنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىكى خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېنزىم قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئېنزىم ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ كاتالىزاتورى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېنزىم بولمىسا جانلىقلارنىڭ مېتابولىزمى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتلىق توختايدۇ. ئېنزىم ئاقسىلنىڭ بىر خىلى بولغاچقا، ئۇ ئاقسىللارغا ئوخشاش كۆپىنچە شارسىمان كېلىدۇ. يېڭىلا سىنتېزلىنىپ چىققان ئېنزىمدا ئادەتتە ئاكتىپلىق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئېنزىم زىموگېن (فېرمېنوگېن) دەپ ئاتىلىدۇ. خىمىيىۋى رېئاكسىيىدىن بۇرۇن، زىموگېننىڭ تۈزۈلۈشىدە «ئاكتىۋاتور (ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا)» دەپ ئاتىلىدىغان بەزى ماددىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بىر ئاكتىپ مەركەز ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئاكتىپ مەركەزدە بولسا قوشۇۋالغۇچى ئورۇن بىلەن كاتالىزلىغۇچى ئورۇن بولىدۇ. رېئاكسىيە ۋاقتىدا قوشۇۋالغۇچى ئورۇن رېئاكسىيىگە قاتناشقان ماددىلارنى «تۇتۇۋالىدۇ» - دە، نەتىجىدە ئۇلار كاتالىزلىغۇچى ئورۇندا تەسىرلىشىپ رېئاكسىيىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. جانلىقلار تېنىدە ئېنزىملارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىلىرى ئوخشاشمايدىغان، شۇنىڭدەك يۈكسەك دەرىجىدە خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، بىر خىل ئېنزىم پەقەت بىرلا خىل رېئاكسىيىدە رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، كراخمال ئېنزىمى (ئامىلازا) پەقەت كراخمالنىلا كاتالىزلاپ گلۇكوزىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئېنزمنىڭ كاتالىزلاش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بىر دانە ئېنزىم مولېكۇلىسى بىر سېكۇنت ئىچىدە رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلارنىڭ نۇرغۇن مولېكۇلىسىنى كاتالىزلىيالايدۇ. ئېنزىم ئۆزى رېئاكسىيە جەريانىدا رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شەكىل جەھەتتە بىر قاتار «ئۆزگىرىش» لەرنى پەيدا قىلىپ، بىر - بىرى بىلەن خۇددى ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپتەك ئۈنسىز ماسلىشىدۇ، لېكىن رېئاكسىيە تاماملانغاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى قىياپىتىگە قايتىپ رېئاكسىيىگە يېڭىۋاشتىن قاتنىشىدۇ. نۇرغۇن خىمىيىۋى ئامىللار، مەسىلەن، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىقلار ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كاتالىز جەريانىغا كاشىلا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېنزىم قاتناشقان رېئاكسىيە ئۈچۈن مۇۋاپىق شەرت بولۇشى لازىم. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى (پېپسىن) ئاشقازاندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئېنزىم بولۇپ، ئاشقازانغا كىرگەن يېمەكلىكەرنى كاتالىزلاپ رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ، يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل چوڭ مولېكۇلىلىرىنى جانلىقلار تېنى سۈمۈرەلەيدىغان كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى زىموگېنى ئەسلىدە392 دانە ئامىنۇ كىسلاتادىن تەركىب تاپقان ئاقسىل بولۇپ، ئۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە42 دانە ئامىنو كىسلاتانى يوقىتىپ، تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاكتىپلىققا ئىگە ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىغا ئايلىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىش رېئاكسىيىلىرىنى كاتالىزلايدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىنى سۈنئىي ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئېرىمچىك ياساشتا كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈت ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم (رېنىن) نىڭ يىرىك مەھسۇلاتىدا ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى بولىدۇ. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمىدىن يەنە ئىچىملىك ۋە تەم تەڭشىگۈچ يېمەكلىكلەرنى ياساشقىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بىر خىل مۇھىم يېمەكلىكلەر خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر كىشىلەر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملار توقۇلمىلىرىدىن ئاكتىپلىققا ئىگە بەزى ئېنزىملارنى ئايرىپ ئالالايدىغان بولدى. ھازىر ئېنىقلىنىپ چىققان بۇ تۈردىكى ئېنزىملاردىن بىرنەچچە مىڭ خىلى بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت100 نەچچە خىلىلا تاۋار قىلىپ ياسىلىپ بازارلاردا سېتىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار مولېكۇلا بىلىملىرى