ئىزوئېنزىملار
مولېكۇلا بىلىملىرى
ئادەتتىكى ئېنزىملارنىڭ تاللاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاتالىزلىشى پەقەت مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدىلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ؛ ئەگەر تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن، كىسلاتا ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئېنزىملار رول كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا جانلىقلار تېنىدىكى ماددىلارنىڭ رېئاكسىيىسى چەكلىمىگە ئۇچراپ، مېتابولىزمغا تەسىر يېتىدۇ. بىراق، جانلىقلار تېنىدە ئەمەلىيەتتە بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە خىل ئېنزىم پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئېنزىملارنىڭ تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان شارائىت ئاستىدا ئوخشاش بىر رېئاكسىيىنى كاتالىزلىيالايدۇ. جانلىقلار تېنىدىكى مۇھىت مەلۇم خىل ئېنزىمنىڭ بىر خىل رېئاكسىيىنى كاتالىزلىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسە، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىر خىل ئېنزىم باسىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رېئاكسىيىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان كاتالىزلىغۇچى ئېنزىم ھامان بولىدۇ. تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، «فۇنكسىيىسى ئوخشاش» بولغان بۇ تۈردىكى ئېنزىملار ئىزوئېنزىم دېيىلىدۇ.
سۈت كىسلاتادىن ھىدروگېن ئاجراتقۇچى ئېنزىم (لاكتات دېھىدروگېنازا) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېنزىم بار بولۇپ، سۈت كىسلاتانى كاتالىزلاپ پىرۇۋىك كىسلاتاغا ئايلاندۇرىدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تېنىدە بۇ خىل ئېنزىمدىن بەشى بار بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئېنزىملارنى تۈزىگۈچى كەنجى رادىكالدىن ئىككى خىلى بار: يەنى بىر خىلى يۈرەك مۇسكۇلى تىپلىق بولۇپ، H بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ يەنە بىر خىلى سۆڭەك مۇسكۇلى تىپلىق بولۇپ، M بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەجرىبىلەر H بىلەن M نى ئايرىشقا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلار ئايرىلسا ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى يوقايدىغانلىقىنى، پەقەت تۆت كەنجى رادىكال بىرلەشكەندىكى ئېنزىم بولغاندىلا ئاندىن كاتالىزلاش ئاكتىپلىقى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. سۈت كىسلاتادىن ھىدروگېننى ئاجراتقۇچى بەزى ئېنزىمنىڭ تەركىبىدە تۆت دانە H كەنجى رادىكال (4H)، تۆت دانە M كەنجى رادىكال (4M)، بۇلاردىن باشقا يەنەM3H ،2 M2H ۋە3 MH بولۇپ جەمئىي بەش خىلى بولىدۇ. مۇسكۇللاردا4 M كۆپرەك، مېڭە ۋە يۈرەكتە4 H كۆپرەك بولىدۇ. بەش خىل ئېنزىمنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان ئەزالار ئىچىدە ئوخشىمىغان شارائىتقا ماسلىشىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مېدىتسىنادا، ئىزوئېنزىملارنى كېسەللىك ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويۇشتىكى ياردەمچى قىلىشقا بولىدۇ. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە تاجسىمان ئارتېرىيە قان نۆكچىسى سەۋەبىدىن يۈرەك مۇسكۇلى زەخىملەنگەن بىمارلارنىڭ قېنىدىكى سۈت كىسلاتادىن ھىدروگېننى ئاجراتقۇچى ئېنزىم4 H بىلەن M3H نىڭ مىقدارى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ؛ جىگەر ھۈجەيرىلىرى زەخىملەنگەن بىمارلارنىڭ قېنىدىكى4 M نىڭ مىقدارىمۇ ئۆرلەپ كەتكەن بولىدۇ. مېدىتسىنا ئەسۋابلىرى بىلەن ئىزوئېنزىملارنىڭ مىقدارىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ نېمە كېسەل بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. «ترانسىئامىنازا (ئامىنونى يۆتكىگۈچى ئېنزىم) يۇقىرى» چىقسا، دەسلەپكى مەزگىلدىكى جىگەر ياللۇغى كېسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇشتىمۇ مۇشۇنى ئاساس قىلغان.