UyghurWiki
UyghurWikiمولېكۇلا بىلىملىرىئىرسىي كودلار

ئىرسىي كودلار

مولېكۇلا بىلىملىرى 1953- يىلى، ۋاتسون بىلەن كرىك AND نىڭ قوش زەنجىر ھەم قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مولېكۇلا بىئولوگىيىسى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، كىشىلەر ئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ يۆتكىلىش يۆنىلىشى: − AND خەۋەرچى ANR ئاقسىل بولىدىغانلىقىنى، يەنى ئاقسىلنى خەۋەرچى ANR يېتەكچىلىك قىلىپ سىنتېزلايدىغانلىقىنى، ئىرسىي كودلارنىڭ خەۋەرچى ANR دا بولىدىغانلىقىنى ئاساسەن بىلىۋالدى.1962 - يىلى كرىك4 T باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) نى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە يۇقتۇرۇپ، ئاقسىلدىكى ئامىنۇ كىسلاتالارنىڭ رىتىنى ئۈچ دانە قوشنا نۇكلېئوتىدتىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئىرسىي كودنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۈچ دانە نۇكلېئوتىد بىر ئۇچۇر بىرلىكى بولىدىغان بولغاچقا،64 خىل گۇرۇپپىلىنىش (64=43) كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭغا20 خىل ئامىنو كىسلاتالا ئىشلىتىشكە يېتىدۇ. كودلارنى تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكىلىق نىلۇنبوگ ئىسىملىك دوكتور ئالدىدا ماڭغان. ئۇ ئاقسىللارنىڭ سىنتېزلىنىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىلمىي خۇلاسىلىرى بىلەن تەھلىل قىلغان. نۇكلېئوتىدلارنىڭ جايلىشىش تەرتىپى ئامىنو كىسلاتالار بىلەن ماس مۇناسىۋەتتە بولغانىكەن، ئۇ ھالدا ANR زەنجىرىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ رېتىنى بىلىۋالساق، ئاندىن بۇ خىل زەنجىرنى ئىشلىتىپ ئاقسىللارنى سىنتېزلىساق، ئۇلارنىڭ كودلىرىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ تەجرىبە نەتىجىلىرى شۇنى چۈشەندۈردىكى، ئەگەر پەقەت ئىشقار رادىكالى U دىن تەركىب تاپقان خەۋەرچى ANR يېتەكچىلىكىدە سىنتېزلىنىدىغىنى فېنىلئالانىن ئۇزۇن زەنجىرى بولسا، ئۇ ھالدا فېنىلئالانىننىڭ ئىرسىي كودىنى UUU قىلىپ خاتىرىلەشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق يەتتە يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق،20 خىل ئامىنو كىسلاتانىڭ64 دانە كودى ئاخىر تەرجىمە قىلىنىپ بولغان. يەنىمۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جانلىقلارنىڭ ئاددىيسى بىر ھۈجەيرىلىك ياكى مۇرەككەپرەكى ئادەمگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئىرسىي كودلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى بايقالدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بارلىق جانلىقلار بىر يۈرۈش ئىرسىي كودنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مولېكۇلا بىلىملىرى
ئىرسىي كودلار | UyghurWiki | UyghurWiki