پېپتىد
مولېكۇلا بىلىملىرى
پېپتىد ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئامىنو كىسلاتانىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ماددىدۇر. ئىككى ئامىنو كىسلاتانىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغىنى دىپېپتىد (ئىككى پېپتىد) دەپ ئاتىلىدۇ. قالغانلىرى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئاتىلىۋېرىدۇ، مەسىلەن، ترىپېپتىد (ئۈچ پېپتىد)، پېنتاپېپتىد (بەش پېپتىد)، پولىپېپتىد (كۆپ پېپتىد) قاتارلىقلار. پېپتىدتىكى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ ئۇلىنىش شەكلى پېپتىد بېغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئامىنو كىسلاتالار ئاقسىللارنى تۈزگەندە مۇشۇ خىل پېپتىد بېغىنىڭ ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا،50 تىن ئارتۇق ئامىنو كىسلاتانىڭ گۇرۇپپىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد ئاقسىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئاقسىل بولسا ھاياتلىق مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ، ئۇ ئامىنۇ كىسلاتالاردىن پېپتىد ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، پېپتىد ھاياتلىق «كۆۋرۈكى» ھېسابلىنىدۇ.
پېپتىد جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جانلىقلار تېنىگە قارىتا ئالاھىدە رولى بار. مۇسكۇلدىكى ئانسېرىن بولسا دىپېپتىد (ئىككى پېپتىد)، گرامتسىدىن بولسا دودېكا پېپتىد (ئون ئىككى پېپىتىد)دۇر. بىر خىل ئاكتىپ پولىپېپتىد بار بولۇپ، جانلىقلار تېنىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى، چوڭ مېڭە پائالىيىتى، ئۆسمىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئېممۇنىتېتلىق مۇداپىئە، كۆپىيىشنى تىزگىنلەش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش، بىئولوگىيىلىك سائەت قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ پولىپېپتىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئوكسىتوتسىن (تۇغۇتنى تېزلىتىش ھورمونى) بىلەن پىترېسسىن (بېسىم ئاشۇرۇش ھورمونى) مېڭە ھېپوفىزى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان پولىپېپتىد بولۇپ، نوناپېپتىد (توققۇز پېپتىد) قا كىرىدۇ. ئوكسىتوتسىن سىلىق مۇسكۇللارنى، بولۇپمۇ بالىياتقۇ ۋە سۈت بېزى سىلىق مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە تۇغۇت بۆلۈملىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. پىترېسسىننىڭ قان تومۇر سىلىق مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىش ۋە سۈيدۈك توختىتىش رولى بولغاچقا، مېدىتسىنادا سىيگەكلىك كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا مورفىندىنمۇ بەكرەك ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە پېنتاپېپتىد − ئېنسېفالىن بايقالغان بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدا بولىدۇ؛ ئۈچەي يولى، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈچەي تىك مۇسكۇلى بىلەن سىلىق مۇسكۇلدىكى نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرىدىمۇ ئۇنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئېنسېفالىن يۇقىرىدا دېيىلگەن ھۈجەيرىلەردە باشقا ئامىنو كىسلاتالار بىلەن تۇتىشىپ ئۇزۇن زەنجىر ھاسىل قىلىپ، مەلۇم خىل ئىقتىدارغا ئىگە ھورمونغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ھورمون ئېنسېفالىننىڭ دەسلەپ پەيدا بولغان تەنچىسى (ماددىسى) ھېسابلىنىدۇ. جانلىقلار ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئېنسېفالىن دەسلەپ پەيدا بولغان تەنچىسىدىكى ئۇزۇن زەنجىردىن «چۈشۈپ قېلىپ»، ئاغرىق توختىتىش، بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆستۈرۈش ھورمونى، سۈت كەلتۈرۈش ھورمونى، ئىنسۇلىن قاتارلىق ھورمونلارنىڭ تورمۇزلىنىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىنى، شۇنىڭدەك ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئۈچەي - ئاشقازاننىڭ لۆمشىش فۇنكسىيىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەيدۇ. تەتقىقاتلار يىڭنە سانجىپ ناركوز قىلىشنىڭمۇ ئېنسېفالىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يەنى يىڭنە سانجىلغاندىن كېيىن، ئېنسېفالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق توختىتىش رولى كۈچىيىدۇ.