ئېنزىم ۋە مېتابولىزمنى تەڭشەش
مولېكۇلا بىلىملىرى
ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئاساسى مېتابولىزم بولۇپ، ئۇ جانلىقلار تېنىدىكى بارلىق ماددا ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئىشلىنىپ چىقىشى بىلەن سەرپ قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاياتلىقنىڭ نورمال مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، جانلىقلار مېتابولىزمىنى باشتىن - ئاخىر ياخشى «باشقۇرۇش» لازىم. بۇنى خۇددى بىر زاۋۇتتىكى ماشىنىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقىنىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ماشىنىلارنى ئىشچىلارنىڭ ياخشى باشقۇرۇۋاتقىنىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
جانلىقلار تېنىدىكى مېتابولىزمنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى باشقۇرۇش مېتابولىزمنى تەڭشەش دېيىلىدۇ. بۇ جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش جەريانىمۇ شۇنچە مۇرەككەپ بولىدۇ.
ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مېتابولىزمنى تەڭشەش ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، بۇلاردىن ئاساسلىقى ھورمونلۇق تەڭشەش بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى، شۇنداقلا ئەڭ مۇرەككىپى يەنىلا نېرۋىلىق تەڭشەشتۇر. لېكىن، بۇ ئىككى خىل تەڭشەشكە ئېنزىم قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆزئارا بىردەك ماسلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنى» مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، يەنى چوڭ مېڭىدۇر.
ئېنزىم جانلىقلار تېنىدىكى ماددا ۋە ئېنېرگىيە مېتابولىزمى جەريانىدىكى كاتالىزاتور. شۇڭلاشقا ، ئېنزىمنىڭ مىقدارى ۋە ئاكتىپلىقى تەڭشەش ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، مەلۇم بىر مېتابولىزم سۈرئىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بارلىق ئېنزىملار ئاكتىپلىقىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە ياكى مەلۇم بىر خىل ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئېنزىم ھەل قىلغۇچ ئېنزىم ياكى سۈرئەتنى چەكلىگۈچى ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ. ھەل قىلغۇچ ئېنزىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ئامىللار ئېنزىمنىڭ تەڭشىشىگە تەسىر يەتكۈزەلەيدۇ. ئېنزىملار ئۆز تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاكتىپلىقىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئېنزىملار تۈزۈلۈشى ئۆزگەرگەن ئېنزىم (ئاللوستېرىك ئېنزىم) دېيىلىدۇ. مەسىلەن، PTA ۋە لىمون كىسلاتا قاتارلىقلار فوسفوفرۇكتوكىنازىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۆزگەرگەن ماددىلىرىدۇر. مېتابولىزمنى تەڭشەش ئۈچۈن، تۈزۈلۈشى ئۆزگەرگەن ماددىلار ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرىلىتىشىمۇ ياكى پەسەيتىشىمۇ مۇمكىن. ئىنسۇلىن ياغنىڭ سىنتېزلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېنزىملارنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا، نۇرغۇن دورىلارمۇ بەزى ئېنزىملارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ۋە تورمۇزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مېتابولىزمنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
ھورمونلۇق تەڭشەش يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىنسۇلىن گلىكوگېننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ياغ، ئاقسىل، AND ۋە ANR نىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك گلۇكوزىنىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىگە كىرىپ پايدىلىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە مۇسكۇللاردىكى ئاقسىل ۋە شېكەرنىڭ پارچىلىنىشىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ خورىشىنى ئاستىلىتىدۇ. گلۇكاگۇننىڭ رولى ئىنسۇلىننىڭكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ، ئىككىسى قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى بولۇپ، مېتابولىزمنى تەڭشەش ۋەزىپىسىنى بىللە ئۆتەيدۇ. باشقا ھورمونلارنىڭ فۇنكسىيىلىرى گەرچە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مېتابولىزمنى تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا ئوخشايدۇ.
ئادەم بەدىنى بەدەننىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۆزگىرىشچان مۇھىتلارغا ماسلىشالايدۇ. مەسىلەن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاچلىق، ھەرىكەت، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى، ئاتموسفېرا بېسىمى ئۆزگىرىشى، ھەر خىل غىدىقلىنىش قاتارلىق مۇرەككەپ شارائىتلارغا ماسلىشىش ئىقتىدارى نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشەش رولىغا باغلىق.
ناۋادا مېتابولىزمنىڭ تەڭشىلىشى سەللا ناچارلاشسا ياكى توختىسا ئادەم كېسەل بولۇشى، ھەتتا ئۆلۈشى مۇمكىن.