UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارچىرىتكۈچى باكتېرىيىلەر

چىرىتكۈچى باكتېرىيىلەر

مىكرو ئورگانىزملار ياز كۈنلىرىدە مېۋە، كۆكتات، بېلىق ياكى گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ياخشى ساقلانمىسا، سۈپىتى تېزلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، سېسىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى «بۇزۇلۇپ قالدى» ياكى «پۇراپ قالدى»، «نىخسىپ قالدى» دەيمىز. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى ئاساسەن مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدىكى چىرىتكۈچى باكتېرىيىلەر ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرى قاتارلىقلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىنىڭ نەتىجىسىدىن بولىدۇ. ئۇلار ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە كىرىۋېلىپ كۆپىيىشكە بەكمۇ تەشنا، نۇرغۇن مەززىلىك قورۇمىلار ۋە يېمەكلىكلەر چىرىتكۈچى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ ئايىغى يەتكەن ھامان، بىرقانچە كۈن بولمايلا ھەتتا بىرقانچە سائەت بولمايلا ئېچىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، توكسىن (زەھەرلىك ماددا) كۆپىيىدۇ، ئۇنداق يېمەكلىكنى ئادەم يېسە، زەھەرلىنىپ كېسەل بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر يېمەكلىكلەر ساقلاش، سېسىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاماللارنى تاپتى. مەسىلەن، يېڭى مېۋىلەرنى شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ بال قاق ياكى شېكەرلەنگەن مېۋە قىلىۋالىدىغان بولدى؛ يېڭى بېلىق، گۆش، تۇخۇملارنى تۇزلاپ، تۇزلانغان بېلىق، تۇزلانغان گۆش، تۇزلانغان تۇخۇم قىلىپ تەييارلىۋالىدىغان بولدى؛ كۆكتات، بامبۇك نوتىسى، بېلىق قاتارلىقلارنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇتۇلغان بامبۇك نوتىسى، قۇرۇتۇلغان بېلىق، قۇرۇتۇلغان كۆكتات، قۇرۇتۇلغان گۈمبىمەدەك (موگۇ) قاتارلىقلارنى تەييارلىۋالىدىغان بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېسىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان چارىلەردۇر. يەنە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سوغۇق ساقلاش، خىمىيىۋى دورىلار بىلەن سېسىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چارىلەرمۇ بار. ئەمما، كىشىلەر ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپ كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى يوقاتسىمۇ ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئە كۆرسىمۇ، ھىيلىگەر كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ھامان يوچۇق ئىزدەپ بىزگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. كىشىلەر ئانتبىئوتىكلارنىڭ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىگە زەربە بېرىشتەك ئەۋزەل خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغاندىن كېيىن، كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ياۋاشلىشىشقا باشلىدى. ئانتبىئوتىكلارنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلار كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ نورمال مېتابولىزمغا كاشىلا قىلىپ ياكى توسقۇنلۇق قىلىپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى نورمال ھاياتلىق پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدىغان، ئۆسەلمەيدىغان ۋە كۆپىيەلمەيدىغان قىلىۋېتىدۇ. ئانتبىئوتىك سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، يېمەكلىكنىڭ يۈزى بىلەن ئۇچرىشىپ ياكى توقۇلمىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خۇددى بىر قەۋەت قوغدىغۇچى پەردە ھاسىل قىلغاندەك بولىدۇ، چىرىتكۈچى باكتېرىيىلەر ياكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرى ئۇنىڭغا يۇقۇپ قالسىلا، دەرھال ئانتبىئوتىكنىڭ مۇنتىزىم يارىغى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئانتبىئوتىك ئارقىلىق ساقلاشنىڭ، يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ساقلاشتا، تۇزلاپ ساقلاش ۋە قىزىتىپ دېزىنفېكسىيىلەپ ساقلاشقا قارىغاندا، ئەۋزەللىكلىرى كۆپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانتبىئوتىكلار بىر خىل كۆڭۈلدىكىدەك قوغدىغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا چىرىتكۈچى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى شۇكى، يېمەكلىكلەرنى تازىلىق جەھەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، سېسىغان، نىخسىپ (پۇراپ) قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ۋە پاكىز بولمىغان مېۋە - چېۋىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. خام، پىششىق يېمەكلىكلەرنىڭ گىرەلىشىپ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بېلىق، گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تولۇق پىشۇرۇش، ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى قاينىتىپ، قىزدۇرۇپ يېيىش كىرەك. بولدۇرۇلۇپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى جەزمەن ھوردا پىشۇرۇپ ياكى30 مىنوتتىن ئارتۇق پىششىق قورۇپ ئاندىن يېيىش كېرەك. كونسېرۋادا كۆپۈش ياكى رەڭگى، پۇرىقى، تەمىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالسا، يېيىشكە بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار