UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر

ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر

مىكرو ئورگانىزملار ئازوت − ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن، شۇنداقلا ئاقسىلنىڭ سىنتېزلىنىشىدىكى مۇھىم مەنبە. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر ھاۋادىكى ئازوتنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر، ئۇلار ھاۋادىكى ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرەلمەيدىغان ئەركىن ئازوت گازىنى ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەيدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى خىلمۇخىل باكتېرىيىلەر ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرى ئادەتتە تۇپراقتا ياشايدۇ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىپ، «چىرىتىپ ياشاش ھاياتى» نى ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ ئەركىن ئۆتكۈزىدۇ. تۇپراقتا مۇناسىپ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسكەندە، يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرى تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ يىلتىز قىسىمىغا يېقىنلىشىدۇ ھەمدە يىلتىز تۈكچىلىرى ئىگىلىگەن جايدىن يىلتىز ئىچىگە كىرىدۇ. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى ھۈجەيرىلىرى يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن تېزلىكتە بۆلۈنۈپ، يوغىناپ، چوڭ - كىچىك تۈگۈنچەكلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك پائالىيەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىلىرى ئازوت گازىنى ھاۋادىن كۈچەپ سۈمۈرۈپ، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئۈچۈن «ئازوتلۇق تائام» ياساپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈك شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، گۈللەپ راۋاجلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسى بىلەن پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئورتاقلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر يىلتىز تۈگۈنچىسىنى ئورتاقلىشىپ ياشاپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە دەپ ئاتايدۇ. يىلتىز تۈگۈنچە باكتېرىيىسى ئىشلەپچىقارغان ئازوتلۇق ئوغۇت پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماستىن، يەنە مەلۇم بىر قىسمىنى ئايرىپ قويۇپ «يىراق تۇغقان، يېقىن خۇشنىلىرى» غا ياردەم قىلىدۇ، بىر قىسىمىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەملىكىتىمىزدە تارىختىن بۇيان پۇرچاق تېرىپ يەرنى مۇنبەتلەشتۈرىدىغان ئادەت بار. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يەنە بەزى باكتېرىيىلەر بار، مەسىلەن، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى يۇمىلاق قوڭۇر باكتېرىيە ئۆسۈملۈك تېنىدە ياشىماستىن، ئۆزى ھاۋادىن ئازوت گازىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتلىرىنى ئۆسۈملۈكلەرگە تەقدىم قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈك كۆپ مىقداردا ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئېرىشىدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى بۇ خىل باكتېرىيىلەر ئازوتنى ئەركىن تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئازوت گازى ھاۋانىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ھاۋا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ5 /4 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما، ئازوت گازى مولېكۇلىسى ئۈچ تال «ئارقان» − خىمىيىۋى باغ بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئازوتقا قاراپ تەلمۈرىدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىنىڭ كارامىتى شۇكى، ئۇنىڭدا بىر دانە «سىرلىق پىچاق» − ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم (نېتروگېنازا) بولغاچقا، ئازوت مولېكۇلىسىنى باغلىۋالغان خىمىيىۋى باغنى ئوڭايلا كېسىپ ئۈزۈۋېتىپ، ئازوت مولېكۇلىسىنى ئۆسۈملۈكلەر ھەزىم قىلالايدىغان، سۈمۈرەلەيدىغان ئازوت ئاتومىغا ئايلاندۇرىدۇ. ھازىر ئىنسانلار ئازوتلۇق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىۋاتقان خىمىيىۋى ئۇسۇل يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمغا ئوخشاش شەرتلەرنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ قالماستىن، كۆپلىگەن خام ئەشيانى ئىسراپ قىلىۋەتكەچكە، ئازوت مولېكۇلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەر ھەر يىلى ھاۋادىن ئالغان ئازوت ئارقىلىق150 مىليون توننا ئازوتلۇق ئوغۇتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئازوتلۇق ئوغۇت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار نۆۋەتتە نېتروگېنازا (ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئېنزىم) نىڭ تۈزۈلۈشىنى ئەستايدىل تەتقىق قىلماقتا. دۆلىتىمىز ئالىملىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا، ئىقتىدارى نېتروگېنازىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان مولېكۇلىنى ياساپ چىقتى. ئىشىنىمىزكى، ئىنسانلار ئۇزاققا بارماي، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ «ماھىرلىق بىلەن ئازوتلۇق ئوغۇتتا ئوغۇتلاش» ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار