ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى
مىكرو ئورگانىزملار
يۇمشاق، مەززىلىك ھورنان (موما)، مەززىلىك پۇرايدىغان بولكا قاتارلىقلار ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ ياردىمى بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىشىڭىز ياخشى بولماي، ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالسا، دوختۇر سىزگە يېئاست (قۇرۇق ئېچىتقۇ) تابلېتى يېزىپ بېرىدۇ. يېئاست ئاشقازىنىڭىزدىكى ئوڭاي ھەزىم بولمايدىغان نەرسىلەرنى تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى «دارازا» ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شار شەكىللىك ۋە تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، يەنە لىمونغا ياكى كولباساغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىرىمۇ بار. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى بىخ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن جىنسسىز كۆپىيىدۇ، بىخ چىقارغاندىكى ھالىتى خۇددى تەشتەكتە ئۆستۈرگەن كاكتۇسنىڭ بىخ چىقىرىپ ئۆسۈشىگە ئوخشايدۇ.
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىنىڭ ماھارىتى كارامەت يۇقىرى، ئۇلار مېۋە شىرنىسى ياكى بۇغداي ئۈندۈرمە شىرنىسىدىكى شېكەرلەر (گلۇكوزا) نى ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا ئىسپىرت بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا پارچىلاپ، شېكەرنى ھاراققا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئۇن تەركىبىدىكى ئەركىن شېكەرلەرنى ئېچىتىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھوردا پىشۇرۇش جەريانىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئىسسىقلىق تەسىرىدىن كۆپىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھور نان (جىڭموما) يۇمشاق - بوش بولۇپ پىشىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئېچىتىش ئانىسى دەپ ئاتالغان.
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىنىڭ پۈتۈن تېنى «گۆھەر» بولۇپ، تېنىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق قىسمى ئاقسىل. بەزىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە،100 كىلوگرام قۇرۇق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدىكى ئاقسىل500 كىلوگرام گۈرۈچ،217 كىلوگرام سويا پۇرچاق ياكى250 كىلوگرام چوشقا گۆشىدىكى ئاقسىل مىقدارىغا توغرا كېلىدىكەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىلىك ئالىملار ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى كالا گۆشى ۋە چوشقا گۆشىگە ئوخشىغاچقا، كىشىلەر ئۇنى »سۈنئىي گۆش« دەپ ئاتىغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە يەنە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى ئىشلەپچىقارغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دوراپ ئىشلەپچىقارغان. بۇ خىل يېڭى يېمەكلىكنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتوم ئېنېرگىيىسى ۋە پېنسىلىن كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت دەپ تونۇلغان. ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرىدا يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە نۇكلېئىن كىسلاتا قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدا ئېچىتىلغان يەم - خەشەكلەرنى يېسە، تېز سەمرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى تەبىئەت دۇنياسىدا ناھايىتى كەڭرى تارقالغان، لېكىن ئۇلار زىيادە سوغۇقتىنمۇ، زىيادە ئىسسىقتىنمۇ قورقىدۇ، شۇڭا بازارلاردا سېتىلىدىغان يېڭى ئېچىتقۇلار، ئومۇمەن، ℃25 -10 ئارىلىقىدا ساقلىنىدۇ.