ئاكتىنومىتسېتلار
مىكرو ئورگانىزملار
دوختۇرلار دائىم سترېپتومىتسىن، ئېرىترومىتسىنگە ئوخشاش ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەل داۋالاپ، نۇرغۇن بىمارلارنى خەتەردىن قۇتقۇزىدۇ. ئانتىبىئوتىكلارنىڭ باش قەھرىمانى نامى مەشھۇر بولغان ئاكتىنومىتسېتلاردۇر.
ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ تېنى بىر ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ تەرىپى باكتېرىيىلەرگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا باكتېرىيىلەر جەمەتىدىكى بىر مۇستەقىل چوڭ ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئاكتىنومىتسېتلاردا زەمبۇرۇغ جەمەتىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، باكتېرىيە تېنى توغرا پەردىسى يوق نۇرغۇنلىغان زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار باكتېرىيىلەر بىلەن زەمبۇرۇغلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى تىپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاكتىنومىتسېتلاردا بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە باكتېرىيە تەنچىلىرى بولۇپ، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى »ھەدەپ باش چۆكۈرۈپ يەيدۇ«، بۇلار مەخسۇس ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە مەسئۇل ئىنچىكە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدۇر؛ بەزىلىرى ئۈستىگە قاراپ تازا ئۆسىدۇ، بۇلار ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بەلگە قىلىنىدىغان ھاۋادا ئۆسكۈچى زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدۇر. ئاكتىنومىتسېتلار ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، پەرزەنت كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ھاۋادا ئۆسكۈچى زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ ئۇچىدىن سپورا يىپچىلىرىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ پىشقاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ تىزىق - تىزىق سپورىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورىلاردىن بەزىلىرىنىڭ تاشقى شەكلى شارچىغا، بەزىلىرىنىڭ تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. شامالدا لەيلەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق مۇھىتقا يولۇقسا شۇ يەردە ماكانلىشىپ، بىخلىنىپ يېڭى ئاكتىنومىتسېتنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئاكتىنومىتسېتلار تۇپراقتا كۆپ مىقداردا مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى چىرىتىپ ياشىغۇچى باكتېرىيىلەر بولۇپ، ئۆلۈك ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى سېسىتىپ يەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئايلاندۇرۇپ، تەبىئەتتە ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ. يەنە فرانكىيە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل باكتېرىيە بار، ئۇ پۇرچاق ئائىلىسىدە بولمىغان نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز تۈگۈنىدە ياشاپ، ئاتموسفېرادىكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۆسۈملۈكلەر پايدىلىنالايدىغان ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ. ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ يەنە نۇرغۇن تۆھپىلىرى بار. نۆۋەتتە بايقالغان نەچچە مىڭ خىل ئانتىبىئوتىكلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئاكتىنومىتسېتلار ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ باكتېرىيە كولونىيىسىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، شولىسىمان ھالەتتە بولىدۇ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن دائىم يېمەكلىكلەرنى بويايدىغان بوياق سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ، شۇنداق قىلسا ھەم كۆركەم، ھەم بىخەتەر بولىدۇ. ئاكتىنومىتسېتلاردىن پايدىلىنىپ يەنە ۋىتامىن12 B، ئاقسىل ئېنزىمى ۋە گلۇكوزا ئىزو ئېنزىمى قاتارلىق مېدىتسىنا دورىلىرىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.
گەرچە ئايرىم تۈردىكى ئاكتىنومىتسېتلار ئىنسانلار ئۈچۈن زىيانلىق بولسىمۇ (مەسىلەن، شاخلىنىدىغان تاياقچە باكتېرىيە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە موخو كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، لېكىن بۇلارنى ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.