UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملاربوتۇلىزم موكىسىمان باكتېرىيىسى

بوتۇلىزم موكىسىمان باكتېرىيىسى

مىكرو ئورگانىزملار شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چاپچال ناھىيىسىدىكى شىبە خەلقى ئارىسىدا ھەر يىلى باھاردا ئۆزلىرى تەييارلىغان «مىزۇن خۇخۇ» خېمىرنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان تاتلىقراق يېمەكلىك(نى يەپ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىكى سەۋەب، خام «مىزۇن خۇخۇ» دا كۆپ مىقداردا بوتۇلىزم )گۆش زەھىرى( موكىسىمان باكتېرىيىسى يوشۇرۇنغانىكەن. بۇ خىل يوشۇرۇن قاتىل بىر تەرەپتىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقا قاراپ ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەرلىك بوتۇلىزم توكسىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل تاشقى توكسىننىڭ ساپ ياسالمىسىدىن بىر تال كۈنجۈت ئۇرۇقىنىڭ ئېغىرلىغىچىلىك بولسا،20 مىليون ئاق چاشقاننى ئۆلتۈرەلەيدۇ. كىشىلەر بوتۇلىزم توكسىنىنى نۆۋەتتە زەھەرى ئەڭ كۈچلۈك زەھەرلىك دورا دەپ ھېسابلىماقتا. بوتۇلىزم موكىسىمان باكتېرىيىسى ئوكسىگېن بار مۇھىتتا ياشىيالمايدۇ، كۆپىنچە ياخشى دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن گۆش كونسېرۋاسى ياكى ھەددىدىن ئارتۇق ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىدا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدا پەيدا بولىدۇ. ئادەم بۇ خىل يېمەكلىكنى يەپ سالسا، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، ئاندىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، بېشى ئاغرىيدۇ، بېشى قايىدۇ، كۆزى قاراڭغۇلىشىپ نەرسىلەر قوش كۆرۈنىدۇ؛ گال شىللىق پەردىسى قۇرغاقلىشىدۇ، گېلى بوغۇلغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇتۇش ۋە سۆزلىشى قىيىنلىشىدۇ؛ پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللىرى زەئىپلىشىپ، ئاخىرى ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا، زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تازىلىق ئۆلچىمىگە توشمىغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن گۆش كونسېرۋالىرى ۋە گۆشتىن تەييارلانغان مەھسۇلاتلارنى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قەتئىي يېمەسلىك كېرەك. بوتۇلىزم موكىسىمان باكتېرىيىسىنىڭ بىخ سپورىلىرى نېيترال شارائىتتا8 سائەت قايناتقاندا ئاندىن ئۆلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشى لازىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار
بوتۇلىزم موكىسىمان باكتېرىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki