سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسى
مىكرو ئورگانىزملار
مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدا چوڭ بىر تۈركۈم ھاشارات يوقاتقۇچى پالۋانلار بار. ئۇلار مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان ئىنسانلارغا ئۈن - تىنسىز ياردەم قىلىپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىپ، زىرائەتلەرنى قوغداپ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى كىشىلەر يېقىنقى100 يىل مابەينىدىلا بايقىغان.1911
- يىلى گېرمانىيىلىك بېرنېر سۇرېنگېن دېگەن جايدىكى بىر ئۇن زاۋۇتىدا، ھاشاراتلارنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدىغان ھاشارات ئۆلتۈرۈش كۈچى ناھايىتى ئۈستۈن بىر خىل باكتېرىيىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ خىل باكتېرىيىنى سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىغان.
سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسى كالتەككە ئوخشايدۇ، پاكار، سېمىز بولۇپ، ئېگىزلىكى مىڭدىن بەش مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ياشاپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، تېنىنىڭ بىر ئۇچىدىن تۇخۇم شەكىللىك بىر دانە بىخ سپورا ھاسىل قىلىپ، ئەۋلاد كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ؛ يەنە بىر ئۇچىدىن بىر دانە رومبا شەكىللىك ياكى چاسا شەكىللىك كرىستال تەنچە ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ بىخ سپورا بىلەن ھەمراھ بولۇپ ئۆسىدىغانلىقى ئۈچۈن، سپورىغا ھەمراھ كرىستال تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن زەھەرلىك، زىيانداش ھاشاراتلار زىرائەتنى يېگەندە، سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسىنىمۇ قوشۇپ يەۋېتىدۇ، بۇ خۇددى سۈن ۋۇكۇڭنىڭ تۆمۈر يەلپۈگۈچلۈك مەلىكىنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالغانلىقىغا ئوخشاش بولۇپ، زىيانداش ھاشاراتنىڭ قورسىقىدا ھەدەپ ھەيۋە كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ھەمراھ كرىستال تەنچىسىدىكى توكسىنى زىيانداش ھاشاراتنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىنى كاردىن چىقارغاچقا، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، قۇسىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ؛ بىخ سپورىلىرى بولسا بۇزۇلغان ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق قېنىغا كىرىپ، قېنىدا كۆپىيىپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا زىيانداش ھاشاراتنى جەھەننەمگە ئۇزىتىدۇ.
سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ بايقىلىشى كىشىلەرنى مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زىيانداش ھاشاراتلىرىنى يوقىتىشنى گۈزەل ئىستىقبال بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر كىشىلەر سۇرېنگېن تاياقچە باكتېرىيىلىرىنى ئېچىتىش ئىدىشلىرىدا بېقىپ كۆپەيتىپ، سۈزۈش، قۇرۇتۇش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پاراشوكىنى ياكى نەملەش دورىسىنى ياكى سۇيۇقلۇقىنى ياساپ چىقتى، ئۇلار زىرائەتكە چېچىلسا، كېۋەز غوزا قۇرتى، كۆكتات كۆك قۇرتى، زەھەرلىك پەرۋانە، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى، شۇنىڭدەك كۆممىقوناق پەرۋانىسى، قوناق پەرۋانىسى، ئۈچ دەۋرلىك (ئۆزگىرىشلىك) پەرۋانە قاتارلىق100 دىن ئارتۇق تۈردىكى زىيانداش ھاشاراتنى ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ.