ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە
مىكرو ئورگانىزملار
نېفىت − سانائەتنىڭ «قېنى». لېكىن نېفىت ناھايىتى چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن تۇرسا، ئۇنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟ مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە نېفىت قىدىرىش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولدى.
بىزگە مەلۇمكى، نېفىت ھەر خىل ھىدرو كاربون ئورگانىك بىرىكمىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ خىل ھىدرو كاربون بىرىكمىلىرى «ھىدرو كاربونلار» دەپ ئاتىلىدۇ. نېفىت گەرچە چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھامان بىر قىسىم ھىدرو كاربونلار تاغ جىنسلىرى قاتلاملىرىنىڭ يوچۇقلىرىدىن يەر قاتلىمىنىڭ تېيىز يېرىگە قېچىپ چىقىدۇ. ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە ھىدرو كاربوننى يېيىشكە ئامراق بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ھىدرو كاربون بار تۇپراققا توپلىنىپ ھىدرو كاربوننى «يېمەكلىك» قىلىش بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. گەرچە يەر يۈزىگە ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىدىغان ھىدرو كاربون ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيىنىڭ ھاياتىنى ساقلىشىغا ۋە كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا كەڭ - تاشا يېتىدۇ. شۇڭا، قىدىرىش ئەترىتىدىكىلەر مەلۇم رايوننىڭ تۇپرىقىدىن كۆپ مىقداردا ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيىلەرنى بايقىسا، شۇ يەردە نېفىت بارلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باشقا مەدەن ئىزدەش ۋاسىتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نېفىت زاپىسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى بېكىتىدۇ. شۇڭا، ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە ئۈن - تىنسىز ھالدا نېفىت ئېلىشتىكى يول باشلىغۇچىغا ئايلانغان.
ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە يەنە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇقسانلارنى يوقىتىپ پايدا يەتكۈزىدۇ. سانائەتنىڭ كېرەكسىز سۇلىرىدا، كۆپ ھاللاردا، مۇھىتنى بۇلغايدىغان زەھەرلىك ھىدرو كاربونلار بولىدۇ، كىشىلەر ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيىنىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، كېرەكسىز سۇ كۆلچىكىگە ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيىدىن ئاز مىقداردا سېلىپ «باقسا»، ئۇلار بىر تەرەپتىن «يەپ» بىر تەرەپتىن كۆپىيىدۇ، ئاخىرىدا زەھەرلىك ھىدرو كاربوننى يەپ تۈگىتىدۇ، كېرەكسىز سۇمۇ كېرەكلىك سۇغا ئايلىنىدۇ. ھىدرو كاربوننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيىنىڭ ئۆزىمۇ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك قىلىنىدۇ.