UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملارۋاكسىنا

ۋاكسىنا

مىكرو ئورگانىزملار نۇرغۇن باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار ئىنسانلارنى كېسەل قىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. ئەمما، كىشىلەرمۇ بۇ خىل باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلاردىن پايدىلىنىپ زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇنى نورمال ئادەمگە ئوكۇل قىلىپ، ئادەم بەدىنىدە مەلۇم خىل كېسەلگە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى قارشى تۇرۇش كۈچىنى پەيدا قىلدۇرماقتا. ئوكۇل قىلىنىدىغان بۇ خىل باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس دەل ۋاكسىنىنىڭ ئۆزى. ۋاكسىنىدىن پايدىلىنىش مەملىكىتىمىزدە10 - ئەسىردە − سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىكى بەزى تېۋىپلار چېچەك چىققان بىمارنىڭ چېچەك قەقىچىنى ساغلام ئادەمنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىگە پۈركۈپ، شۇ كىشىنى يەڭگىل دەرىجىدە چېچەك كېسىلى بىلەن ئاغرىتىش ئارقىلىق، چېچەك ۋىرۇسىغا قارشى كۈچكە ئىگە قىلاتتى.18 - ئەسىردە چېچەك كېسىلى كەڭ تارقىلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئەنگلىيە يېزا دوختۇرى ئېدۋارد جېننېر كالا ساغىدىغان قىزلارنىڭ بىرسىنىڭمۇ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ ۋەسۋەسىگە سالىدىغان چېچەك كېسىلى بىلەن ئاغرىمايدىغانلىقىغا ھەيران قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلدىكى، قىزلار كالا ساغقاندا قوللىرى ئىختىيارسىز ھالدا كالا چېچىكى سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىپ، چېچەك ۋىرۇسى قولىدىكى كىچىك يارىلىرى ئارقىلىق قىزلارنىڭ بەدىنىگە كىرىدىكەن. قىزلارنىڭ قولىدا گەرچە ئازراقلا چېچەك قاپارتقۇسى پەيدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا چېچەككە نىسبەتەن ئىممۇنىتېت پەيدا بولىدىكەن. ئۇ بۇ بايقاشتىن زور ئىلھاملىنىپ، بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر ئوغۇل بالىغا چېچەك ئەملەپ، چېچەككە نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىممۇنىتېت بىلەن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان. كىشىلەر بىرقانچە ئەسىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆپ خىل ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈپ، ھەر خىل كېسەلنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، چېچەك، قىزىل، خولېرا، چۇما، كېزىك، تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى تىزگىنلىدى. ئۇنداق بولسا، ئادەم بەدىنىگە ۋاكسىنا ئوكۇل قىلسا، نېمە ئۈچۈن يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟ ۋاكسىنا مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ تەييارلىنىدۇ, شۇنىڭ ئۈچۈن بىئولوگىك ياسالمىلار دەپ ئاتىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىئولوگىك ياسالمىلار، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر خىل چوڭ مولېكۇلىلىق − كوللوئىدلىق غەيرىي تەن ماددىسى ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئانتىگېن دەپ ئاتايدۇ. ئانتىگېىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان بىر خىل ماددا − ئانتىتەنچە ھاسىل قىلغۇزىدۇ. ئانتىتەنچىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچى مىكروبلارنى تورمۇزلاش ۋە يوقىتىش ئىقتىدارى بولىدۇ. مانا بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتدۇر. مەسىلەن، چېچەك ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ چېچەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولۇشتىكى سەۋەب، ئەملىگەندىن كېيىن ئانتىگېن ئادەم ئورگانىزمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇغما ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۆپ مىقداردا ئانتىتەنچە ۋە ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپ ماددىلار − يۆتكىگۈچى فاكتور، ئىنتېرفېرون قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلغۇزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى قايتا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چېچەك ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئىممۇنىتېتقا ئۆزلۈكىدىن ئىگە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار