ئېتانول
مىكرو ئورگانىزملار
ئېتانول ئېتىل ئىسپىرت، ئېتىل ئالكول، ئىسپىرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ساپ ئېتانولنىڭ قايناش نۇقتىسى ℃5 .78، ناھايىتى ئاسان ئوت ئالىدۇ. دۇنيا ئېنېرگىيە كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئېتانولنى ئېنېرگىيە يېقىلغۇسى قىلىشقا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلمەكتە. بەزى دۆلەتلەردە بېنزىنغا ئېتانول ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنى ئالكولبېنزىن دەپ ئاتىماقتا. ئۇنىڭ ئۈنۈمى بېنزىننى يالغۇز ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ياخشى بولىدىكەن. شېكەر مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە1 - ئورۇندا تۇرىدىغان برازىلىيىدە، تامامەن ئېتانول يېقىلغۇ قىلىنغان ئاپتوموبىللار سانباۋلونىڭ كوچىلىرىدا قاتنىماقتا.
ئېتانول ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باش قەھرىمانى نامى مەشھۇر ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدۇر. ئۇ ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا تېنىدىكى بىر يۈرۈش قۇرۇلما − ئېنزىم سىستېمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كاربون، سۇ بىرىكمىلىرىنى ئېتانولغا ئايلاندۇرىدۇ. كىشىلەر يېقىنقى يىللاردىن، بۇيان مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدا ئېتانول ياسىيالايدىغان زەمبۇرۇغ تۈرلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئارقا - ئارقىدىن بايقىدى، مەسىلەن، ئېچىتقۇ بىر سپورىلىق زەمبۇرۇغ دەپ ئاتىلىدىغان زەمبۇرۇغنىڭ ماھارىتى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېچىتىش سۈرئىتى تېز، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خام ئەشيادىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھاسىل قىلىدىغان ئېتانولى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭكىدىن8 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئېتانول ياسىغۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خېلى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ ئېتانول ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالار، ئاساسلىقى، شېكەر قومۇچ، قىزىلچا، شېكەر قوناق قاتارلىق شېكەرلىك زىرائەتلەر ۋە مانىھوت، بەرەڭگە (ياڭيۇ)، كۆممىقوناق قاتارلىق كراخماللىق زىرائەتلەر ئىدى، كىشىلەر ھازىر بىر خىل ئەرزان باھالىق خام ئەشيانى تاپتى، ئۇ بولسىمۇ سېللۇلوزا.
سېللۇلوزىمۇ بىر خىل كاربون سۇ بىرىكمىسى بولۇپ، تەبىئەتتە كۆپ مىقداردا مەۋجۇت، نۇرغۇن يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، دەرەخ شېخى، دەرەخ يوپۇرمىقى، شال پاخىلى، توپان قاتارلىقلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك سېللۇلوزا بولغاچقا، ئۇلارنى پۈتمەس - تۈگىمەس خام ئەشيا دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، سېللۇلوزىنى خام ئەشيا قىلىش ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ئۈچۈن ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ، يەنى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېچىتىش ماھارىتىنى كۆرسىتىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئامال تېپىلدى. كىشىلەر كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنىڭ سېللۇلوزىنى سۈمۈرەلەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مىكرو ئورگانىزملار ئىچىدىكى شارچە باكتېرىيىلەر، تاياقچە باكتېرىيىلەر، شىلىمشىق باكتېرىيىلەر ۋە بەزى زەمبۇرۇغلار، ئاكىتىنومىتسېتلارنىڭ سېللۇلوزىنىڭ پارچىلىنىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلالايدىغان بىر خىل ئېنزىمنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ سېللۇلوزا ئېنزىمى (سېللۇلازا) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل سېللۇلوزا ئېنزىمىدىن پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن سېللۇلوزىنى پارچىلاپ ئاددىي گلۇكوزا مولېكۇلىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېچتىقۇ زەمبۇرۇغى گلۇكوزىنى ئېچىتىپ، ئېتانولغا ئايلاندۇرىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ زوقلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئىسسىقخۇمار موكىسىمان باكتېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بار، ئۇ بىر تەرەپتىن سېللۇلوزا يەپ، بىر تەرەپتىن ئېتانول چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭدىن پايدىلانسا تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق جايلاردا ياغاچ كۆكىرىك زەمبۇرۇغى بىلەن ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى ھەمكارلاشتۇرۇپ جەڭ قىلدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سېللۇلوزىدىن ئېتانول ئىشلەپچىقارغان.
مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ سېللۇلوزىنى خام ئەشيا قىلىپ ئېتانول ئىشلەپچىقىرىش ئىشى ئېتانولنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەختىگە چىقىشىغا يول ئېچىپ بەردى. بۇ خىل خام ئەشيالارنىڭ ھەممىسى يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئېتانولنى يېشىل بېنزىن دەپ ئاتىدى.