UyghurWiki
UyghurWikiمىكرو ئورگانىزملاركېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى بويسۇندۇرۇش جېڭى

كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى بويسۇندۇرۇش جېڭى

مىكرو ئورگانىزملار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش مۇھىتىدا، بىز ھەر سېكۇنت، ھەر مىنۇتتا يۈز مىليۇنلىغان كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئىنسانلار ئۆز سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن، بەدەن ئىچى ۋە بەدەن سىرتىدا كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بىلەن داۋاملىق ئاۋازسىز جەڭ قىلىپ تۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىنى قوغداشتىكى تاشقى مۇداپىئە جېڭىدە، كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرىدۇ، باكتېرىيىسىزلەندۈرۈش، دېزىنفېكسىيىلەش ۋە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇل دائىم قوللىنىلىدىغان ھەمدە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان كۈرەش قىلىش ئۇسۇللىرىدۇر. باكتېرىيىسىزلەندۈرۈش بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە بۇيۇملاردىكى بارلىق مىكرو ئورگانىزملارنى يوقىتىش ئۇسۇلىدۇر. دوختۇرخانىلاردا ئوپېراتسىيە سايمانلىرى ئارىلاپ باكتېرىيىسىزلەندۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ، يەنى ئوپېراتسىيە سايمانلىرى30 مىنوت قاينىتىلىپ، 37 −20 گرادۇسلۇق تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا بىر كۈن قويۇپ قويۇلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، ئۆلمەي قالغان بەزى مىكروبلارنىڭ بىخچە سپورىلىرى خەتەرلىك مەزگىل ئۆتۈپ كەتتىغۇ دەپ خاتالىشىپ، خاتىرجەم، يۈرەكلىك ھالدا كۆپىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنە قاينىتىلىپ مىكروبسىزلاندۇرۇلسا، مۇشۇنداق قىلىش ئۇدا بىرقانچە قېتىم تەكرارلانسا، ئوپېراتسىيە سايمانلىرى تامامەن مىكروبسىز تەلەپكە يېتىدۇ. باكتېرىيىلەرنى يۇقىرى بېسىملىق ھوردا ۋە قۇرۇق ئىسسىق ھاۋادا مىكروبسىزلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا يوقاتقىلى بولىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى مىكروبلارنىڭ قۇرۇق ئىسسىققا چىدامچانلىقى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى بېسىملىق ھوردا باكتېرىيىسىزلەندۈرۈشتە ئادەتتە پەقەت ℃121 تېمپېراتۇرا،30 مىنۇتلۇق شارائىت بولسىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، ئەمما قۇرۇق ئىسسىق ھاۋادا مىكروبسىزلاندۇرۇش ℃140 تېمپېراتۇرىدا4 سائەت داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇلاردىن باشقا، قۇياش نۇرىدىكى ئىنفرا قىزىل نۇر مىكروبلار ھۈجەيرىسىدىكى سۇنى كۆپ مىقداردا ھورلاندۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر مىكروبلار ھۈجەيرىسىدىكى نۇكلېئىن كىسلاتا مولېكۇلىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم - كېچەكلەرنى، يوتقان - كۆرپىلەرنى دائىم ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش مىكروبسىزلاندۇرۇشنىڭ ئەرزان ئۇسۇلىدۇر. دېزىنفېكسىيىلەش ئۈزۈل - كېسىل بولمايدىغان مىكروبسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن ئورۇنلاردا مىكروبلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىۋېتىش ھاجەتسىز بولۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلسىلا كۇپايە قىلىدۇ. مەسىلەن، قولنىڭ تېرىسى ئازراق سۈرۈلۈپ كەتسە، ئازراق گېنتىئان ئېرىتمىسى ياكى مېركۇروخروم سۈرتۈپ قويسىلا بولىدۇ؛ ئوكۇل سالغاندا، دوختۇر تېرىنى ئالدى بىلەن يود تىنكتۇرىسى بىلەن، ئاندىن ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيىلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسمەن مىكروبسىزلاش ئۈچۈندۇر. دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى ئىشلەتكەندە، زەھەرلىنىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مېركۈروخروم بىلەن يود تىنكتۇرىسىنى ھەرگىز بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. فرانسىيە مىكرو بىئولوگىيە ئالىمى پاستېر كۆپ قېتىملىق تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، سۈتنى ℃71 قىچە داۋاملىق15 مىنوت قىزدۇرسا، ئۇنىڭدىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسىنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ھەم سۈتنىڭ ئـوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئەسلىي تەمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر سۈتنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ساقلايدىغان بولدى. بۇ، ئاتاقلىق پاستېرچە دېزىنفېكسىيىلەش ئۇسۇلىدۇر. ھەر خىل ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ بەزى مىكروبلارنىڭ ئۆسۈش - كۆپىيىشىنى تورمۇزلاش جەريانى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر دائىم ئارتۇقچە بېلىق گۆشى، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ياكى قۇرۇتۇۋالىدۇ، ياكى تۇزلىۋالىدۇ، ياكى كومپوتلىۋالىدۇ، (شېكەرلەپ تەييارلىۋالىدۇ)، بۇنىڭدىكى سەۋەب مىكروبلار كۆپىيىش ئۈچۈن بەلگىلىك سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەكلىكتە سۇ بولمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاز مىقداردا سۇ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مىكروبلار ياشايدىغان «پارنىك» يوقىتىلىپ، يېمەكلىكلەر ساقلىنىپ قالىدۇ. مىكروبلارنىڭ ياشىشى يەنە تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە باكتېرىيىلەر ℃37 - تېمپېراتۇرىدا، كۆكىرىك زەمبۇرۇغلىرى ℃ 28 -25 تېمپېراتۇرىدا تازا راۋاج تاپىدۇ، ئەگەر تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىلسە، مىكروبلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ياكى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر گۆش، تۇخۇملارنى توڭلاتقۇ، توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىن پايدىلىنىپ ساقلايدۇ. لېكىن، سوغۇق ساقلاش پەقەت چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا بولۇپ، مىكروبسىزلاش ۋە دېزىنفېكسىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنى توڭلىتىپ ساقلاشقا مۆھلەت چەكلىمىسى قويۇلىدۇ، توڭلىتىپ ساقلاش بەلگىلەنگەن مۆھلىتىدىن ئېشىپ كەتسە، مىكروبلار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا ماسلىشىۋېلىپ، ئۇيقۇدىن «ئويغىنىۋېلىپ»، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. گۆشلەرنى ئادەتتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بىر يىل چامىسىدا ساقلاشقا بولىدۇ، تۇخۇملارنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاقراق بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كىشىلەر زىيانلىق مىكروبلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك ياراغلىرىنى تاپتى ھەمدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار مىكرو ئورگانىزملار